ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جىنسىي باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھىندىستان پاي بازىرى نازارەتچىلىك ئورگىنى ـــ ھىندىستان ئاكسىيە سودىسى كومىتېتى 13 ئاي ئىلگىرى ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيىتىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر ئايال بولۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە 31-مارتتىن بۇرۇن ئىجرا قىلىشنى بەلگىلىگەن.
لېكىن ھىندىستاندىكى 5000 دىن ئارتۇق پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر تېخى بۇ تەلەپكە يەتمىگەن. نۇرغۇن خوجايىنلار ئامالسىز ھالدا خوتۇنلىرىنى شىركەتكە كىرگۈزۈپ سان توشقۇزغان. ھىنىدىستاندىكى 2-باي مۇكېش ئامبانى خوتۇنى نىتانى ئۆزىنىڭ رۇلەيس ئوقەتچىلىك شىركىتىگە كىرگۈزگەن؛ ئوقەتچىلىك ماگناتى گائۇتام سىڭھانىيامۇ خوتۇنى ناۋازنى توقۇمىچىلىق شىركىتى رايموند گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلىگەن.
ھىندىستان ئاكسىيە سودىسى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستاندا مۇدىرىيىتىدە ئاياللار بولغان شىركەتلەر ھەقىقەتەن ئاز، بۇ كىشىنى خىجىل قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved