مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش كۆزلىمىسىگە ماس كېلىدۇ

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-ئىيۇن ئېلان قىلغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچىدىن ئايان بولىشىچە، 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئازراق يۇقىرى بولۇپ، %2.5 ئاشقان، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 چۈشكەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چۈشۈش نىسبىتى داۋاملىق %1.4 لىك سەۋىيەدە بولغان، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى ئاساسەن مۇقىم، يەنىلا مۇۋاپىق دېيىشكە بولىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسەن ماس كېلىدۇ، ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش كۆزلەنمىسىگە ماس كېلىدۇ.

 


گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛ يېقىنقى بىرقانچە ئايدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىدە مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىنغان، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ زور داۋالغۇش بولمايدۇ، يەنىلا داۋاملىق مۇقىم ئاشىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 دىن %3 گىچە ئېشىشىدىن، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىنىڭ تەدرىجىي ئاستىلاپ مەنپىدىن مۇسبەتكە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىدىن ئۈمىد بار، بۇ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش كۆزلەنمىسى بىلەن ماس كېلىدۇ، بۇ بىرقەدەر مۇۋاپىق مال باھاسى سەۋىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

 


پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچىدە يېمەكلىك يەنىلا كۆرسەتكۈچتە داۋالغۇش بولۇشتىكى مۇھىم ئامىل، ئەمما بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىندى، كۈزلۈك ئاشلىقتىنمۇ ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، ئاشلىق باھاسى مۇقىم، مال باھاسىدا چوڭ داۋالغۇش بولۇش ئامىلى يوق، كۆكتات، سۇ مەھسۇلاتلىرى، ھۆل مېۋە قاتارلىقلاردا پەسىل كىلىماتىنىڭ تەسىرىدە باھادا ئازراق داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن ئەمما داۋالغۇش نىسبىتى يۇقىرى بولمايدۇ، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى، شۇڭا بۇ يىل 5-6-7-ئايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ئاجىزلىشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن، پۈتۈن بىر يىلدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن مۇقىم بولغان، ئوتتۇرا قىسمى يۇقىرى ، ئىككى تەرىپى تۆۋەن بىر باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek