13 يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئاندېرسىن ئاللىبۇرۇن باشقىدىن ئۆزگۈرۈپ ئۆي-ئوچاقلىق بولغان .
شىنخۇا ئاگېنتىلقنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، ھىيوگونىڭ داڭلىق ئەسرى ‹‹قاباھەتلىك دۇنيا ›› دا ، جاپالىق ئەمگەككە بۇيرۇلغان مەھبۇس ئاراڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قېچىش جەريانىدا باشقىلارنىڭ تەسىرلەندۈرشىگە ئۇچراپ ،چىن كۆڭلىدىن ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئەخلاقلىق ئادەم بۇلۇشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ زاۋۇت قۇرۇپ مىليونىرغا ئايلىنىدۇ، كەمبەغەللەرگە ئىش ئورنى تەمىنلەپ باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى شەھەر خەلقىنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرشىپ شەھەر باشلىقى بۇلۇپ سايلىنىدۇ. ساقچى ئەمەلدارى ساۋى كۆپ يىل ئاراڭنى قوغلاپ تۇتماقچى بولغان، بىراق ئاخىردا ئەينى چاغدىكى قاچقۇن جىنايەتچىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قانۇننى ھىمايە قىلدىغان پۇقراغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئاراڭنى قايتا تۈرمىگە تاشلاش توغرىسىدا ئىككىلنىپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە ئامرىكا جەمئىيتىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە قايتا يۈز بەرگەن بۇلۇپ ، ئاممىنىڭ قاتتىق مۇنازىرسىنى قوزغىغان.
جازاغا ھۆكۈم قىلغان ئەمما ئىجرا قىلشنى ئۇنتۇپ قالغان
كېرنىلياس ئاندېرسىن 2000-يىلى ئامرىكا مىسسۇرى شىتاتى سان لوئىس شەھەر ئەتراپىدا قورال كۆتۈرۈپ بىر نەپەر رېستۇران لىدىرىنى تۇتقۇن قىلغان، ئاخىردا 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان.
لىكىن ئارخىپقا تىزىملاشتا خاتالىق كۆرۈلۈپ ، ئامرىكا ئىجرائىيە تارماقلىرى باشتىن - ئاخىرى ئاندېرسىننى تۈرمىگە تاشلاشنى ئۇنتۇپ قالغان.
2013-يىلى 7-ئايدا ، ئەسلىدە ئاندېرسىننىڭ جازا مۇددىتى توشقان كۈن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش ئورنىدىكلەر ئاندېرسىنغا ‹‹تۈرمىدىن چىقىش››رەسمىيتى بىجىرگەن. ئەمما ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغىنى بولسا تۈرمىدە بۇنداق ئادەم يوق بۇلۇپ چىققان.
ئەڭ ئاخىرى قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقىدىكلەر ئاندېرسىننىڭ ئۆتكەن 13 يىلدا تۈرمە سىرتىدا قانۇنغا تۇلۇق رىئايە قىلىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان: ئۇ توي قىلىپ ، ئۈچ بالىلىق بولغان، ئۈچ قۇرلۇش شىركىتى ئاچقان، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوغلىنىڭ زەيتۇن توپ كوماندىسىغا يىتەكچىلىك قىلغان ھەمدە دائىم چېركاۋغا بېرىپ ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن .
قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئارقىدىنلا ئۇنى قولغا ئېلىپ بۈگۈنگە قەدەر سولاپ قويغان. ھازىر 37 ياشقا كىرگەن ئاندېرسىننىڭ 13 يىل تۈرمىدە يېتىپ بۇرۇنقى جازاسىنى ‹‹تۇلۇقلىشى كىرەك›› مۇ يوق بۇ مەسىلە ئامرىكا جەمئىيتىدىكى كەسكىن مۇلاھىزلىشدىغان تىما بۇلۇپ قالغان .
ئاندېرسىننىڭ دىيشىچە، 13 يىل بۇرۇن قاماققا ھۆكۈم قىلنغاندىن كىيىن، ئۇ ئۆيىدە قانۇن ساقچىلىرنىڭ ئۆزىنى جازا ئىجرا قىلشقا ئېلىپ كېتشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ئەجەبلەندۈرگىنى قانۇن ساقچىلىرى شۇندىن كىيىن ئىزچىل ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ باقمىغان.
شۇنىڭ بىلەن ئاندېرسىن ئادوۋكاتتىن مەسلىھەت سورىغان: قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ئۇنىڭ ئەنزىسنى بىر تەرەپ قىلشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ قانداق ؟ ئۇ قانداق قىلشى كىرەك ؟ لىكىن ئادوۋكات ئۇنىڭغا بۇ ئىشتىن چۇقۇم بىر چاتاق چىققانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ چۇقۇم تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ‹‹ سىز بېرىپ جازا ئىجرا قىلشقا تەييارلىق قىلىۋىرىڭ ›› دىگەن.
بىراق ئاندرسېننىڭ ئەسلىشىچە :‹‹ كۈن، ئاي،يىللار تەكرار -تەكرار ئۆتۈپ كەتتى ئەمما ئۇلار ئەزەلدىن مېنى ئىزدەپ كىلىپ باقمىدى.››
تۇرمۇش دۋاملاشقان. ئاندېرسن ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يۇشۇرنۇپ يۈرمىگەن. ئۇ توي قىلىپ ئاجراشقان يەنە قايتا توي قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئۈچ ئۆز بالسى ۋە بىر ئۆگەي بالسى بار بۇلۇپ ، ئۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوغلى بار زەيتۇن توپ كوماندىسنىڭ تىيئېرنېرى بۇلۇپ بەرگەن.ئۇ يېڭىچە بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا ئۈچ قۇرلۇش شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. ھەمدە قارارلىق چېركاۋغا بېرىپ ئۇ يەردىكلەرگە سېن مەشغۇلاتى مۇلازىمتىنى تەمىنلىگەن.
بۇلتۇر 7-ئاينىڭ بىر كۈنى سەھەر سائەت 6 يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ بىرسىنىڭ ئىشىكنى قاتتىق ئۇرۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ‹‹ سوراپ باقاي ، كىم سىز ؟›› قارشى تەرەپ جاۋاب قايتۇرۇپ :‹‹قانۇن ساقچىسى ، ئىشىكنى ئاچ، بولمىسا ئىشىكنى پاچاقلىۋىتمىز .››
ئاندېرسىن دېرىزە پەردىسنى ئۆرۈپ سىرتقا قاراپ ئىشىك سىرتىدا 8 نەپەر پۈتۈنلەي قوراللانغان قانۇن ساقچىلىرنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ دىيشىچە :‹‹ئۇلار ئۆزىنى قوغداش قالقىنى تۇتقان ۋە تۆمۈر قالپاق كىيگەن بۇلۇپ كوچىنى قامال قىلغان ئىدى ›› ، ‹‹ سىلەر ئادەمنى خاتا ئىزدەپ قالدىڭلارمۇ قانداق ؟›› دەپ سورالغاندا ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىرەيلەن :‹‹ 13 يىل ئىلگىركى تۈرمىدە يېتىش ئىشى ئىسىڭدە بارمۇ ؟›› دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئاندېرسىن ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىنى ئەسلەپ :‹‹ بۇ گەپ بىر قاتار تام مىنىڭ ئۈستۈمگە ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى .››
ئىپادىسنىڭ ياخشى بۇلشى ئاممىنىڭ ھېسداشلىقنى قوزغىغان
ئاندېرسىننى ھەيران قالدۇرغىنى بولسا ئامرىكا ئاخبارات ۋاستىللىرى بۇ ھەپتە ئۇنىڭ ھىكايسىنى ئاشكارلىغاندىن كىيىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرگەن، ھەتتا تۈرمىدىكى تۈرمىداشلىرى بىلەن تۈرمە ساقچىلىرمۇ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. بىر قىسىم كىشىلەر ئېنتىرنىت تورىدا مۇراجەت قىلىپ ، ئاندېرسىننى قۇيۋىتىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ ئىش ھازىر 30 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئىمزا قۇيۇپ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئاندېرسىن ئامرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ تېلفۇن زىيارتىنى قۇبۇل قىلغان :‹‹ مىنىڭچە بەزىلەرنىڭ قۇبۇل قىلالىشى تەس ھەم ئوڭايسىزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما مەن ئۇلارغا چەكسىز رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن.››دىگەن.
مىسۇرى ئەدىليە مىنىستىرى كىلىس كېرىستى 17-چېسلا سۆز قىلىپ ، ئاندېرسوننى قانداق بىر تەرەپ قىلدۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇمۇمى جەھەتتىن 3 ئامىلنى ئويلىشىشقا تېگىشلىك بۇلۇپ : ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جىنايى قىلمىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش تارمىقنىڭ ئارخىپىدىكى تىزىملاش خاتالىقى ھەمدە ئاندېرسىننىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۈرمە سىرتىدىكى ئىپادىسى ئىكەن.
ئادوۋكات پاترىك مېجارونىڭ تۇنۇشتۇرىشچە، مىسۇرى شىتاتىدا 1912-يىلى مۇشۇ خىلدىكى ئەنزە يۈزبەرگەن بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى جىنايەتچى ئەڭ ئاخىردا قايتا جازا ئۆتىمەسلىككە ھۆكۈم چىقرىلغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved