جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ 8- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ بىر ئاپتوموبىل قىسمى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان يەردە يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىدا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ سەككىز نەپەر ئوفىتسېر – ئەسكەرنىڭ قازا قىلىشىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتىلاش غەربىي شىمالدىكى شىمالىي ۋەزيرسىتاننىڭ مەركىزى مىرەنشاھ رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋەقەدىن ئىلگىرى يول ياقىسىغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، ئاپتوموبىل قىسمى ئۆتكەن چاغدا پارتىلاتقان. يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلۈپ داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ساقچى تەرەپ نەق مەيداننى قامال قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
ھازىرغا قەدەر بىرەر تەشكىلات بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىشنى ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
مەنبەسى شىنخۇا تورى
![]() |
4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
|
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى قە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved