شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى : 25- مارت سائەت 11:35 ئەتراپىدا، 10- مارت تۆت ئادەمنى سوقۇۋەتكەن ئۈرۈمچى شىخۇڭ يولى «چۇچىتوڭ » قاۋاقخانىسى يول بۆلىكىدىكى پىيادىلەر يولىدا، پىراكتىكا مەزگىلىدە ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقان خۇا ئەپەندىگە يولۇچىلارغا يول بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئۈچ نومۇر تارتىش جازاسى بېرىلدى.
25-مارت سائەت 11:00 ئەتراپىدا، مۇخبىر شىخۇڭ يولى « چۇچىتوڭ » قاۋاقخانىسى يول بۆلىكىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بۇلاقتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى يىكەنكۆل ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ بۇ يەردە موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ پىيادىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق قىلمىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
شەھەر ئاھالىسى خۇ ئەپەندى توختىماي ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى خېلى ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن يولدىن ئۆتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، ئاپتوموبىللار كۆپ بولغاندا مەن يولدىن ئۆتۈشكە جۇرئەت قىلالمايمەن، ئادەتتە ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئاپتوموبىللارنىڭ پىيادىلەرگە يول بەرگىنىنى كۆرىمەن.
يىكەنكۆل يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جۇ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 17-مارتتىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچلىك قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە بىز ساقچى كۈچلىرىنى ئاجرىتىپ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىك قىلمىشىغا قارىتا تۈزىتىش ئېلىپ باردۇق ھەمدە تەربىيە بېرىپ ئاگاھلاندۇردۇق، بۇ قېتىملىق تۈزەش ئارقىلىق، بىز نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ پىيادىلەردىن ئۆزى قاچۇرمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق.
شۇ كۈنى سائەت 11:00 دىن 12:00 گىچە، جەمئىي ئۈچ شوپۇر پىيادىلەر يولىدا پىيادىلەرگە يول بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە قويۇلغان، 20 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل شوپۇرى تەربىيە قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved