يەر شارى تورى خەۋىرى : رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات تورىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ تورونتو شەھىرىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، ئۈچ ئادەم يارىلاندى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى ئىككى ئاسىيا ئاشخانىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى جۇڭگوچە ئاشخانا، يەنە بىرى تايلاند ئاشخانىسى بولۇپ، ساقچى تەرەپ نەق مەيداننى ئېتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلاپتۇ.
ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب بەلكىم تاكاللىشىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، ئۈچ ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ كۆزىتىش كامېراسىنى تەكشۈرۈپ جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلىۋېتىپتۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved