12-ئاينىڭ 17-كۈنى يېرىم كېچىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جەنۇبىي جۇڭگوغا كىرگەن بولۇپ، تەيۋەن ئارىلى تەيجۇڭ شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى 12 سېلىتسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغانىدى، مۇخبىر پويىز ئىستانسىسىدا بىر ئايالنىڭ پەقەت نېپىز كەلگەن كونا يوتقاننى يېپىنغان ھالدا بوش يەردە ياتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ يېنىدا يەنە بىر دانە چاقلىق ئورۇندۇق تۇراتتى. موماينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلىدە تەيجۇڭ شەھىرى جىشەن يولىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، نەچچە يىل ئىلگىرى 2-قېتىم ياتلىق بولغان يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىنى 2-قېتىم ياتلىق بولغان يولدىشىدىن بولغان ئوغلى سېتىۋەتكەن، ئۆي سېتىۋىتىلگەندىن كېيىن ئوغلىنىڭ بۇ ئايال بىلەن قىلچە كارى بولمىغان.
مۇخبىر كەينىدىن ساقچىلارغا تېلىفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ۋە باشقا ئاق كۆڭۈل كىشىلەرمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ مومايغا ياردەم قولىنى سۇنغان، بۇ يەرگە توپلاشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى موماينىڭ دوختۇرخانىغا بېرىشىنى ياكى يىغىۋىلىش ئورنىغا بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن موماي بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇنچە خالاپ كەتمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە موماي چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بولغاچقا، يەر ئاستى يولىغا بېرىپ سوغۇقتىن ساقلىنىشىمۇ قولايسىز ئىدى.
نەق مەيداندىكى كىشىلەر موماينى ياتقۇزغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقان ۋە ئەدىياللارنى يېپىپ قويغان، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىمۇ مومايغا ئۇخلاش خالتىسى ۋە تەييار چۆپ ئەكىلىپ بەرگەن، موماي يوتقان ئىچىدە ياتقانچە ئۆزىگە ياردەم قولىنى سۇنغان بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە باش لىڭشىتىپ رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار نەچچە كۈن ئىلگىرى موماينىڭ پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا ياتقانلىقىنى كۆرگەن ھەم بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىسسىق يېمەكلىك ئەكىلىپ بەرگەن، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بەزى كىشىلەر ئىجتىمائىي ئىشلار ئىدارىسىگە بۇ ئىشنى مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىغان، لېكىن ئىجتىمائىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە موماي ئاللىقاچان بۇ يەردىن كېتىپ قالغانىكەن.
پاراڭلىشىش جەريانىدا،موماي ئۆزىنىڭ ئەسلىدە تەيجۇڭ شەھىرى جىشەن يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى، نەچچە يىل ئىلگىرى 2-قېتىم ياتلىق بولغان يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىنى 2-قېتىم ياتلىق بولغان يولدىشىدىن بولغان ئوغلىنىڭ سېتىۋەتكەنلىكىنى، ئۆي سېتىۋىتىلگەندىن كېيىن ئوغلىنىڭ ئۆزى بىلەن قىلچە كارى بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ئىجتىمائىي ئىشلار ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ موماي ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئىز قوغلاپ ياردەم بېرىدىغان ئوبيىكتى بولۇپ كەلگەن، مەزكۇر ئىدارە خادىملىرى 2-3 يىلدىن بېرى بۇ موماينى ئىزدەپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولغان، لېكىن موماي ئىزچىل ھالدا ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى رەت قىلغان، دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ بالنىستقا ئېلىشنى رەت قىلغان.
مۇخبىر بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن خۇ فامىلىلىك بۇ موماينىڭ يېنىدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت يەتتىلەردە، خۇ موماي ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچقاندىن كېيىن مۇخبىرغا:‹سىلەر تېخىچە بۇ يەردە ئىكەنسىلەرغۇ؟› دېگەن. رەسىمدە، موماي ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىن كېيىن ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئەكىلىپ بەرگەن ناشتىلىقنى يېمەكتە.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved