ياپونىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 8- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن لىدىر سايلىمى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئاخباراتتا، رىقابەتچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر پارتىيەنىڭ ھازىرقى لىدىرى ئابىشىنزونىڭ سايلامدا ئاۋاز بېرىلمەي بىۋاسىتە سايلىنىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىرلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئورگىنىدىكى ئەربابلار مۇنداق دېدى: ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى مۇۋاپىق ۋاقىت تاللاپ پارلامېنتتىكى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئابىشىنزونىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلايدۇ. ئۇنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2018- يىلى 9-ئايغىچە بولىدۇ.
ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: لىدىر سايلىمىنىڭ تىنچ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى كىيىنكى ھەپتە كېڭىشى پالاتاسىدا بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇر ئاۋازغا قويىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئابىشىنزو يەنە 10-ئايدا كابىتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەيدۇ ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى تەڭشەيدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved