قەشقەر شەھىرىدە 22 تېررورچى سوتلاندى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 10-نويابىر زوراۋان تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش سوت يىغىنى ئېچىپ، تېررورلۇققا چېتىشلىق 22 كىشىگە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ 22 كىشىگە 1-سوتتا 5 يىلدىن 16 يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.

 


بۇ قېتىم ئاشكارا سوتلانغۇچىلار مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈندى: 1-، ئامما ياۋا ئاخۇن دەپ قارىغان قانۇنسىز تەپسىر ئوقۇغۇچىلار؛ 2-، دىنىي ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانسىمۇ، يەنىلا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار؛ 3-، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان دىنىي ئەربابلار. يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاممىنى توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جېدەل -ماجىرا چىقىش، جىنايەت ئۇسۇللىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى بار.

 

ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىش يىغىنىدىن كېيىن قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلاردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى كۈچىيىپ كەتتى، تۈرلۈك ئېنىق دىنىي ئىدىيەلەرنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار يېزا كەنتلەرگە يامراپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا توسالغۇ بولدى.

 

بۇ قېتىم ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىش دىنىي ساھەدىكى زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتىكى زور تەدبىر، شۇنداقلا بىر قېتىملىق جانلىق قانۇنچىلىق تەشۋىقات تەربىيە يىغىنى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى



خەتكۈچلەر:
13-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek