تۇتىۋېلىنغان كۆزئەينەكلىك يىلانلار
تۈنۈگۈن ئىشقا كېىتپ بارغان لى ئاچا سىرىتقى ئايلانما لىنىيىسىدىكى ساۋباۋ يولىدىن جىياداۋ يولىغا چۈشىدىغان يول بويىدا ئىككى نەرسىنىڭ يەر يۈزىدە ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ئۇ بەكرەك قارىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يىلان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:« قارىماققا ئۇلار كۆزئەينەكلىك يىلاندەك قىلاتتى، يەنە نەچچە يىلان ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا بولۇپ، نۇرغۇنلىرى بىر-بىرىگە چىگىلىشىپ قالغان ئىدى.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مىنخاڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى چىباۋ تارماق ئەترىتى شۇ ھامان يولغا چىقىپ، بۇ رايوندىن 25 كۆزئەينەكلىك يىلاننى تۇتتى. مىنخاڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش باشقۇرۇش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار بۇ يىلانلارنى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر قويۇۋەتكەن دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم يىلان تۇتۇشى ئىكەن، ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە ئۇلار بىر قېتىم يىلان تۇتقىلى كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا قاراڭغۇ بولغانلىقتىن ئاران يەتتە يىلان تۇتقان.
بىر نەپەر ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىم مۇنداق دېدى:«ئىلگىرىمۇ يىلان تۇتقىلى چىققان، لېكىن كونىراپ كەتكەن دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىن زەھەرسىز يىلان تۇتقان. گەرچە مەن يىلانلارنىڭ تۈرىنى بەك چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ، لېكىن بۇ قېتىم تۇتقان يىلانلار قارىماققا كۆزئەينەكلىك يىلاندەك قىلاتتى. ئۇلار ھەم بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ توملۇقى ئەرلەرنىڭ ئۈچ تال بارمىقىدەك كىلەتتى، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا ئىدى، بەزىلىرى تېخى تېرە تاشلاۋاتقان بولۇپ، بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ئىدى، بىر-ئىككى كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگەللىگەن ئىدى، ھەركىتى ئاستا بولۇپ، قارشىلىق كۈچىمۇ ئىنتايىن ئاجىز ئىدى.»
بىر سائەتلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇلار يەنە 18 يىلان تۇتتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا مىنخاڭ رايونلۇق ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ يىلانلارنى قەپەسكە سېلىپ، شاڭخەي ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئېلىپ كەتتى.
نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىنخاڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ يىلانلارنىڭ يەرلىك ئەمەسلىكى، كۆزئەينەكلىك يىلان ئىكەنلىكى، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. شاڭخەيدىكى زەھەرلىك يىلانلارنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشى بۇلارغا ئوخشىمايىتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved