بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى 1753 – يىلىدىكى بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيى كۇتۇپخانىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تارىخىنى 1666 – يىلىغا سۈرۈشكە بولىدۇ. 1709 – يىلى ‹‹نەشر ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى›› بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقى تەۋەسىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. قانۇن لايىھەسىدە ھەربىر نەشر بۇيۇمىدىن كىتاب – ماتېرىياللار ئىدارىسىگە توققۇز پارچە تاپشۇرۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇلار خان جەمەتى كۇتۇپخانىسى، بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى ۋە قانۇن ئىنستىتۇتى كۇتۇپخانىسىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ھازىرقى بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى 1973 – يىلى ئەنگلىيە مۇزېيى كۇتۇپخانىسى، مەملىكەتلىك مەركىزىي كۇتۇپخانا، مەملىكەتلىك ئىلىم – پەن كەشپىياتىدىن پايدىلىنىش كۇتۇپخانىسى، مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا كىتابلىرىنى ئارىيەت بېرىش كۇتۇپخانىسى، مەملىكەتلىك كىتاب – ماتېرىياللار ئىدارىسى، پەن – تېخنىكا ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان.
بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا 150 مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب – ماتېرىيال ساقلانغان. بۇلار كىتاب، ژۇرنال، سېنارىيە، پاتېنت ھوقۇقلۇق بۇيۇملار، رەسىم – ھۆسنخەت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 2000 يىل بۇرۇنقى قول يازمىلاردىن تارتىپ يېقىندا نەشر قىلىنغان كىتاب – ماتېرىياللار بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار ئارىسىدا يەنە قول يازمىدىن 120 مىڭ پارچە، كۇپىيە نۇسخىسىدىكى كىتابلاردىن 100 مىڭ پارچە بار، 3000 پارچىدىن ئارتۇق سامان قەغەزگە كۆچۈرۈلگەن كىتابمۇ بار.
بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى دۇنيا ئىلىم – پەن ماتېرىياللىرى مەنبەسىگە ۋەكىللىك قىلىش سۈپىتى بىلەن ھەر يىلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئىلىم ساھەسىدىكى زىيارەتچىلەرنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. كۇتۇپخانا ئوقۇرمەنلەرگە كەڭ تۈردە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوقۇرمەنلەر كۇتۇپخانىدىكى رەقەملىك كىتاب ئىزدەش سۇپىسىدىن لازىملىق كىتابلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ تاپالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved