پورتۇگالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل مورىنھو يېقىندا ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ كۆپلىگەن چېلسى توپ مەستانىلىرىگە نىسبەتەن قوبۇل قىلماق تەس بىر ئىشقا ئايلاندى. گەرچە مورىنھونىڭ چېلسى كوماندىسىنى يېتەكلەپ بۇ پەسىلدىكى نەتىجىسى ھەقىقەتەن ناچار بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئادەم ئىلگىرى كوماندىنى چېمپىيون قىلغان ۋە ئاجايىپ مىجەزى بىلەن توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. مورىنھو خىزمىتىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، كوماندىدىكى بەزى توپچىلار توپ مەستانىلىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ بىلگىيەلىك داڭلىق توپچى خازارد چېلسى مەستانىلىرى تەرىپىدىن جەمئىئەت ئالاقە تورىدا ئەڭ ھاقارەتكە ئۇچىرىغان چولپان بولۇپ قالدى. بۇلار خازاردقا قارىتىپ مۇنداق دېدى: «ھاڭۋاقتى، تېز چېلسىدىن يوقال، مورىنھو مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە، ئىلگىرى بىز سېنى خان جەمەتى مادرىد چولپىنى بېل بىلەن ئالماشتۇرۇشقا قەتئىي قوشۇلمايتۇق، ھازىر بولسا سېنى ھەتتا تورېس بىلەن ئالماشتۇرۇشقىمۇ رازى، چېلسىدىن ھەيدىلىدىغان ئادەم ئەسلى سەن ئىدىڭ، سەن بىر خائىن» يەنە بەزىلەر مۇنداق دېدى: «بۇ چېلسى كوماندىسىنىڭ توپچىسىمۇ؟ مېنىڭچە مورىنھو ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ھازىر ناھايىتى خوشال بولىۋاتىدۇ»
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved