ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ بۆلۈنۈش ھالىتى ئۆي باھاسى كۆرسەتكۈچىدە روشەن ئىپادىلەندى. بىرىنچى تىنىچ ئوكيان سىتاتىستىكا قىلىپ، بەش يىلدىن بۇيان، بىرىنچى لىنىيەدىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ جۇغلانما %45.53 ئاشقانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىككىنچى لىنىيەدىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ جۇغلانما ئاران %10.73 ئاشقان. ئوخشاش مەزگىلدە، ئۈچىنچى، تۆتىنچى لىنىيەدىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئوخشاش مەزەىلدىكى ئېشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن.
دۆلەتلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 11-ئايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەردە 33 شەھەردىكى يېڭى سېلىنغان تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ھالقىما نىسبەتتە ئېشىش كۆرۈلگەن، 10-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئالتىسى ئاشقان؛ نىمكاش ئۆي باھاسى ئاشقان شەھەردىن 40 ى بار، 10-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككىسى ئاشقان. ئۆي باھاسىدا ئومۇميۈزلۈك تېز سۈرئەتتە ئېشىش يۈزلىنىشى پەيدا بولغان.
شەھەرلەرنىڭ رايونغا بۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي باھاسىدىمۇ بۆلۈنۈش ھالىتى پەيدا بولغان. كۆپلىگەن ئورگانلار بۇ خىل يۈزلىنىش ئاخىرلاشمايدۇ، كەلگۈسىدە بىرىنچى لىنىيەدىكى شەھەرنىڭ ئۆي باھاسى يەنىلا ئۆسۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى لىنىيەسىدىكى شەھەردە داۋاملىق ئۆسۈشتە ماغدۇرسىزلىنىش ھالىتى پەيدا بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك كەسپى جەمىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جوڭيى بىر قىسىم ئۈچىنچى، تۆتىنچى لىنىيەدىكى شەھەر ۋە قىسمەن ئىككىنچى لىنىيەدىكى شەھەرنىڭ ئىسكىلات كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، نۆۋەتتىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك مۇھىم مەسىلە دەپ قارىدى.
رايونغا بۆلۈنۈشتىن قارىغاندا، لىياۋنىڭ، شەندۇڭ، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل «ئېغىر ئېشىپ قېلىش» رايونىغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يىڭكۇنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج نىسبىتى %338.1 كە يەتكەن، ئېردوس، ئۇلانچابنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج نىسبىتى %280.7 ۋە %293.7 كە يەتكەن. جىلىن، خۇنەن، گۈيجۇ، يۈننەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلار «يىنىك ئېشىپ قېلىش» رايونىغا تەۋە بولغان.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved