ئۈرۈمچىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن (27-ئاپرېل) سەھەردىن باشلاپ چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كۆرۈش ئارىلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولدى. جۇڭگو مۇھىت ئۆلچەپ تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ بېكىتىشىگە قارىغاندا، ئەتىگەن سائەت 9:00 دا ئۈرۈمچىدە ھاۋا سۈپىتىنىڭ بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى 212 گە يېتىپ، ھاۋا ئېغىر بۇلغىنىپ، PM10 (سۈمۈرۈلىدىغان ماددىلار)نىڭ قويۇقلۇقى 998 مىكروگىرام/كۇب مېتىرغا يەتكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۈگۈن سۇس يامغۇر ياغىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃17، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10بولىدىكەن.
ئەسكەرتمە: چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1) ئېلان تاختىسى ياكى قېرى دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا پاناھلانماڭ. پۇختا ئورنىتىلمىغان ئېلان تاختىسى ياكى يىلتىزى بوشاپ قالغان قېرى دەرەخلەر ئاسانلا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ھاياتىڭىزغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
2) دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاڭ، تالا-تۈزگە ئامال بار چىقماڭ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە بالىلار تالاغا چىقمىغىنى ياخشى. ناۋادا تالا-تۈزگە چىقىدىغان زۆرۈر ئىش بولۇپ قالسا ماسكا تاقاپ ياكى ھۆل لۆڭگە، داكا قاتارلىقلار بىلەن كۆز، ئېغىز، بۇرۇنلارنى توسۇپ مېڭىڭ.
3) ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا كۆپرەك سۇ ئىچىپ، بەدىنىڭىزگە ئېھتىياجلىق سۇنى تولۇقلاڭ، بۇنداق بولغاندا مېتابولىزمنىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولۇپ، سالامەتلىكىڭىزگە ۋە تېرىڭىزگىمۇ پايدىلىق.
4) مىجەزىڭىز يوقتەك ھېس قىلسىڭىز، دەرھال ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىڭ.
5) بۇنداق ھاۋادا ۋېلىسپىت مىنمەڭ، ھەم ئېغىز-بۇرنىڭىزدىن توپا-چاڭ كىرىدۇ، ھەم بىخەتەرلىكىڭىزگە خەۋپ يېتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
27-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
      نوبېل ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مىلتون (Milton Friedman) بۇرۇن مۇنداق دېگەن: پۇل پاخاللىقى جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىقتىسادى پائالىيىتىگە چۈشكەن ۋابا. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشسىزلىق نىسبىتى قوشۇلىدىغان بولسا بۇ خىل ئەھ...
03-02-2016
       2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، سايباغ مۇھىت تەكشۈرۈش پونكىتى، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 74-ئوتتۇرا مەكتەپ، يۇقىرى يېڭى تەرەققىيات رايونى تۆمۈر يول ئىستانسىسى، شىمىگو راي...
28-01-2016
     يېقىندا ئاز كۆرۈلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تايلاندقا ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تېمپراتۇرسىنى بارا-بارا تۆۋەنلىتىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەد...
26-01-2016
    25-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلغان «جوناس» ناملىق قار-شىۋىرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا قارلار دۆۋىلىنىپ قاتناشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
25-01-2016
        تۈنۈگۈن كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرى لۇڭخەي تۆمۈر يولى ئەتراپىدىكى بىر ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەن. شامال كۈچلۈك بولغاچقا، ئوت ناھايىتى تېز يامرىغان بولۇپ، جېڭجۇ ئوتتىن مۇداپىئەلىنى...
25-01-2016
          دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش، مۇز تۇتۇش، قاتتىق بوران چىقىش قاتارلىق ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، يەر...
22-01-2016
 جۇڭگودا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكىغىمۇ «زومىگەر دەرىجىلىك» جۇدۇننىڭ شەپىسى كەلدى. ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش سوغۇق ئېقىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي قۇتۇپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبتا تېرىغان «بالاسى».   ياپو...
22-01-2016
     يېقىندىن بۇيان ھاۋا ھەقىقەتەن ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، مەكتەپكە بېرىش ياكى خىزمەت ئىشى بولمىسا ھەرگىز سىرتقا چىققۇڭىز كەلمەيدۇ. بۇنداق سوغۇق ھاۋادا بىر قىسىم ئامېرىكا كىشىلىرى يەنىلا مۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇنت...
21-01-2016
        خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.   20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
21-01-2016
       كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان.
Powered by Leglek