مېكسىكا جۇڭگو ھەمكارلىقى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى


شىنخۇا تورى خەۋىرى   لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىدىكى زالدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ،ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن مېكسىكا زۇڭتۇڭى پىنىيەنى قارشى ئالدى .رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ،مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ،مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ،مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى شۇ جىچۇنىڭ شۇجىسىى ،مەركىزى كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ ،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ،دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ شىياۋگۇاڭلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
پىنىيەگە ھەمراھ بۇلۇپ ئېلىمىزغا زىيارەتكە كەلگەنلەر ئىچىدە زۇڭتۇڭنىڭ رەپىقىسى ،دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتارلىقلار بار .ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن مىكسىكىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى .پىنىيە شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .پىنىيە شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ،ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 22-قېتىملىق رەھبەرلەر رەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ھەمدە ئېلىمىزغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا كەلگەن .
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلق سارىيىدا مېكسىكا زۇڭتۇڭى پىنىيە بىلەن سۆھبەتلەشتى ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ،تەرەققىيات پىلانى ئۈچۈن ،بىر ،ئىككى ئۈچ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پەيدا قىلىپ ،جۇڭگو مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى .شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹زۇڭتۇڭ پىنىيە دۆلەت ئىچىدىكى خىزمىتىنى تەڭشەپ ،جۇڭگو ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدى ھەمدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى .،بۇ ئۇنىڭ جۇڭگونى قوللاش ۋە جۇڭگو مېكسىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سەمىمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ .مەن بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن ھەم ئاپىرىن ئوقۇيمەن ›.
پىنىيە مۇنداق دېدى :‹ بۇ قېتىملىق ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى ، يىغىننى تەشكىللەش ياكى يىغىن نەتىجىسى جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ،جۇڭگونى تەبرىكلەيمەن .مېكسىكا بۇ قېتىملىق يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى گۈللىنىشىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ ›.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو بىلەن مېكسىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ھەمدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇھىم دۆلەتلەر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ،ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا ،شۇنداقلا ئوخشاش ۋەزىپە ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە ،ئىككى دۆلەت بۇنى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ قارايدۇ ،بۇلتۇر مەن مىكسىكىدا زىيارەتتە بولغاندا بىز .ئىكككى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،جۇڭگو مېكسىكا مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتۇق ،بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تۇنۇش تەبئىي ئەمەلىيلەشتى ،جۇڭگو مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى ،باشلىنىشى ياخشى ،تەرەققىياتى تېز نەتىجىسى ئەمەلىي ،جۇڭگو مېكسىكا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ قەدەمنى پۇختا ئېلىپ ،جۇڭگو مېكسىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە تېخىمۇ كەڭ ساھە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ ،مەن سىز بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاپ ،يۇقىرى قاتلام لاھىيىسىنى ياخشى تۈزۈپ ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىئنەزەردە تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ ،بىر -بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆز ئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ ئۆز ئارا ئىشنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن ،ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ماسلىشىش نۇقتىسىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ ،ئەمەلىي ۋە كارغا كېلىدىغان قاراتمىلىق پىلاننى تۈزۈپ ‹ بىر ئىككى ئۈچ ›ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى ،يەنى پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى تۈرتكە قىلىپ ،سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ؛لىنىيىسىنى ئاساس قىلىپ ،ئۇل ئەسلىھە ئېنېرگىيە يۇقىرى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك .جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ مېكسىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى خالايدۇ ،كېلەر يىلى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان مېكسىكا ساياھەتچىلىك يىلى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو مېكسىكا ئۇنۋېرسىتېت مۇدىرلىرى يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ ،ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ،خەلقئارا تەرتىپىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەتنى قوغدىشى كېرەك ،جۇڭگو مېكسىكا بىلەن زىچ ماسلىشىپ كېلەر يىلى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ئومۇمىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ ›.
پىنىيە مۇنداق دېدى :‹قىسقىغىنە بىر يىلدا مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تۆت قېتىم كۆرۈشتۈم ،بىز ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق .جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم بايلىقتۇر ، مېكسىكا بولسا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇھىم دۆلەت .ئىككى دۆلەت مۇھىم مەسىلىلەردە ئورتاقلىققا ئىگە ،مېكسىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىدا يۇشۇرۇن غايەت زور كۈچ بار ،ئەھمىيىتى زور ،مېكسىكا جۇڭگو بىلەن ئەڭ قۇيۇق ئىشەنچىلىك بولغان مېكسىكا جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ ،مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىشنى خالايمەن ،رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسى بولۇپمۇ ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى تۈزۈش تەكلىپىگە تامامەن قوشۇلىمەن ،مېكسىكا ئىككى تەرەپ سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىت قىلىدۇ ،جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مېكسىكا ئىسلاھاتىغا بولۇپمۇ ئۇل -ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ ،مېكسىكا جۇڭگو سېلىنما فوندىنى تېزراق باشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ ،مېكسىكا جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ›.
،ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى بىرەسمىي يىغىنى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى ،ھەمدە ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە يىغىننىڭ ئاكتىپ نەتىجىلەرگە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،سۆھبەتتىن كېيىن ئىكككى دۆلەت باشلىقلىرى پۇل -مۇئامىلە ئېنېرگىيە ،سۈپەت تەكشۈرۈش ، پەن تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قۇيۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى .ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ،شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹زۇڭتۇڭ پىنىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز مول نەتىجىلىك بولدى ،جۇڭگو مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلدۇق ،ئىكككى تەرەپ بىرلىكتە جۇڭگو مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ جۇڭگو مېكسىكا ھۆكۈمەتلەر ئارا دائىمىي كومىتېت قۇرۇشنىڭ 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى تەتقىق قىلىش ۋە توشۇشنى باشلاشنى قارار قىلىپ ،ئۇنى جۇڭگو مېكسىكا ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يول خەرىتىسى قىلىدى ،ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدا تۇرۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەردى ،بىرلىكتە ئىسلاھات ،تەرەققىيات مارىشىنى ياڭراتتى ›.
پىنىيە مۇنداق دېدى :‹رەئىس شى جىنپنىڭنىڭ جۇڭگو مېكسىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ،مېكسىكا جۇڭگو ئالاقىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ يېقىن ،ئۆز ئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەم .ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بۇلۇپ ،ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ،مېكسىكا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىكككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋىردە تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ .ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە جۇڭگو مېكسىكا كارخانىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى .
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو مېكسىكا كارخانىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خىزمەت سۆھبىتى قۇرۇش مەن ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم قارارى .يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن مىكسىكىنىڭ سودا ھەمكارلىقى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئېرىشتى ،ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قەتئىي نىيەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئىككى دۆلەت ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى ئۈمىت قىلىمىز ›.
پىنىيە مۇنداق دېدى :‹مېكسىكا مېكسىكا جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كەلگۈسى نۇقتىدا تۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ،جۇڭگو مېكسىكا كارخانىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىككى دۆلەت كارخانىچلىرى ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ بەردى ،ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت سودا مەبلەغ سلېىش ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ›.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى مېكسىكا زۇڭتۇڭى پىنىيە بىلەن دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مايا گۈزەل تىل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو بىلەن مېكسىكا ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت ۋە تارىخقا ئىگە ،ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان دۆلەتلەر ،بۇلتۇر مەن مىكسىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە چېچىن ئېكىنزالرىقىدىكى ماياك خارابىلىكىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا ئۇ يەر ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى ،زۇڭتۇڭ پىنىيە بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مايا مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئىككى دۆلەت ئۆ ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان كاتتا سورۇن ھېسابلىنىدۇ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەڭ زېمىنغا تارقالغان مىراسلار ،قەدىمىي كىتابقا ئېلىنغان يېزىقلار ئىككى دۆلەت خەلقنى ۋاقىت ۋە چېگرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ،قارشى تەرەپنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ ،ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستلۇقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى ،جۇڭگو مېكسىكا بىلەن بىرگە ئۆز ئارا چۈشىنىش ئۆز ئارا ئۆگىنىش ئۆز ئارا ئالاقە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ .ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
15-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek