Windows 9 كېلەر يىلى 2- ۋە 3-پەسىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىكروسوفىت شىركىتى 2015-يىلى 2-پەسىلدىن 3-پەسىلگىچە بولغان مەزگىلدە يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 9 نى رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن.


يۇقارقى ئۇچۇر ئەڭ دەسلەپ WinBeta ناملىق Windows بىلوگى تەرىپىدىن Myce تور بېكىتىدە ئاشكارىلانغان. ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىكروسوفىت شىركىتى كىلەر يىلى 2-پەسىلدىن 3-پەسىلگىچە بولغان مەزگىلدە ئىستېمالچىلار ئالدىن كۆرۈش نەشىرىدىكى Windows 9 ۋە Windows Phone 9 سىستېمىلىرىنى ئېلان قىلىدىكەن.


بۇ ئۇچۇر يەنە بۇ يىل 1-ئايدا تارقالغان بىر قىسىم مىش-مىش خەۋەرلەر بىلەن بىردەك چىققان، ئەينى ۋاقىتتا، Windows بىلوگىنىڭ يازغۇچىسى Paul Thurrot مىكروسوفىت شىركىتى 2015-يىلى Windows سىستېمىسىنىڭ كېيىنكى مۇھىم نەشىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ دېگەن.


بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئامېرىكا تېخنىكا بىلوگى Ars Technica ئالاقىدار زاتلارنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، Windows 9 سىستېمىسىغا مەلۇم بىر خىل مۇشتەرى بولۇش سىستېمىسى سەپلىنىدىغانلىقى، يادرولۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھەقسىز بولىدىغانلىقى، بىراق، ئابونتلار ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى ئىشلەتمەكچى بولسا، مۇۋاپىق ھالدا ھەق تۆلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.


ئىگەللىنىشىچە، Windows 9 سىستېمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، Windows 8 دا ساقلانغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىكەن. Windows 9 سىستېمىسى يەنە ئابونتلارنىڭ «modern UI» ئەپلىرىنى قاچىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن، دېمەك، ئابونتلار ئۈستەل كومپىيۇتېرى مۇھىتىدا تۇرۇپ Windows Store دىكى ئەپلەرنى ئىجرا قىلالايدىكەن.


يەنە بەزى مىش-مىش خەۋەرلەردە، Windows 9 سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدا «Threshold» (بوسۇغا) دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، بۇ سىستېمىغا ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى «باشلاش» كۇنۇپكىسىنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

 

لەگلەك تورى يوللانمىسى : لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ : LEGLEK



خەتكۈچلەر:
30-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek