كانادادا چىقىدىغان «يەر شارى پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالماشتۇرۇش سۈپىتىدە جۇڭگو 30 يىل ئىچىدە رۇسىيەدىن تەخمىنەن 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تەبىئىي گاز سېتىۋالىدىكەن. جۇڭگو بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كۈنىگە 105 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ كانادانىڭ مەملىكەت بويىچە تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بۇندىن كېيىنكى 4 يىلدىن 6 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يەر شارىنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە بۇ كېلىشىم تەبىئىي گاز سودىسىدىكى پاراخوتلارنىڭ توشۇش شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاۋسترالىيە ، موزامبىك، ئامېرىكا، كاناداغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ پايدا كۆپ كېلىدىغان دېڭىز تىرانسپورت سۇيۇقلاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز يېڭى بازىرىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىدى. ئامېرىكا خىيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىدىكى كېننىس مېدروك مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن سودا يولى، بۇ جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ سودىنىڭ تەننەرخى ھەرقانداق يوشۇرۇن ئىمپورت گاز مەنبەسىدىن ئەرزان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەمۇ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بازىرى سالمىقىنى تېزدىن قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە غايەت يېڭى تەمىنلەش ئىقتىدارى بازىرىغا كىرگەن ۋاقىتتا، يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرلەشمە رولى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇ كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يېڭى بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، كانادانىڭ بازارنى ئىگىلەش تىرىشچانلىقى رۇسىيەنىڭ كەينىدە قالىدۇ. ئاسىيانىڭ تەبىئىي گاز باھاسى شىمالىي ئامېرىكادىن يۇقىرى، ئەڭ بۇرۇن كانادانىڭ غەربى دېڭىز قىرغىقىدىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىمپورت قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەت يوشۇرۇن بايلىققا ۋەكىللىك قىلغان ئىدى. ئەمما كانادادىكى بىر پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ باش ئېنېرگىيە ئىقتىسادشۇناسى پېتىر تارچاجىئان مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان تەبىئىي گاز ئېھتىياجى ئاسىيا بازىرىنى يەنىلا تالىشىشقا ئەرزىيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھاسىل قىلغان كېلىشىم كانادانىڭ تىنچ ئوكيان رايونىغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ئىشىنى قايتا ئويلانمىسا بولمايدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.
فىرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسى ۋە ئامېرىكا سانفۇد بوئىنىستان تەتقىقات شىركىتى مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم يېڭىدىن ئاشقان رۇسىيەنىڭ تۇرۇبا ئارقىلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشى بازارغا بېسىم پەيدا قىلغان ئەھۋالدا، يېڭى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
لوندون ئېنېرگىيە نەزەر مەسلىھەت شىركىتىنىڭ تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە كانچىلىك كەسپىنى باشقۇرغۇچىسى شىكورىسكى مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم جۇڭگونى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز توختىمىنى مۇزاكىرە قىلغاندا تېخىمۇ زور تەسىر كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز كەسپى خىزمىتى بىلەن 20 نەچچە يىل شۇغۇللانغان مۇستەقىل مەسلىھەتچى لەيدېسما مۇندق دېدى: بۇ جۇڭگو ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى ھەمدە ئاسىيا تەبىئىي گاز نەق مال باھاسى سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
لەيدېسما مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا نەق مال باھاسى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، يېڭى مال مەنبەسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بازىرىدىكى تەمىنلەشنىڭ جىددىي بولۇش ئەھۋالى 2015-يىلىدىن باشلاپ يوقايدۇ.
خەۋەردە ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۇنيا نېفىت ئاخباراتى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەبىئىي گاز باھاسىنى باھالاش دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: 19-مايغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە شەرقى شىمالىي ئاسىيادىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز نەق مال باھاسى ھەر مىليون ئەنگلىيە ئىسسىقلىق مىقدارىنى بىرلىك قىلغاندا 13.5 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى. بۇ 2012-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە. بۇ باھا 2014-يىلى 2-ئايدا ھەر مىليون ئەنگلىيە ئىسسىقلىق مىقدارىنى بىرلىك قىلغاندا 19.7 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved