ئۇكرائىنانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كۇجىما 23-ئىيۇن شەرقىي قىسىمدىكى دونسىتىك شەھىرىدە، شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئارا قۈراللىق كۈچلەرنىڭ 27-ئىيۇندىن بۇرۇن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: 23-ئىيۇن دۇنىستىك ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىناسىدا ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى، ئۇكرائىنا، رۇسىيە، دونىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لوگەنىسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئەربابلىرى قاتناشقان كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋەكىللىرى 27-ئىيۇندىن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان. ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.
رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋەكىلىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، داۋاملىق كېڭىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved