پۇتبول دوستلۇق ئورنىتىپ، ھەمكارلىق، ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇسابىقىدە توپ باشلاپ بەردى


دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىجاڭ داۋانچىڭ ‹‹ناخۇەن›› كوماندىسى 27 – ئىيۇل كەچتە ساھىبخانا مەيداندا ئالاھىدە رىقابەتچى ئەنگىلىيە شېففىيلىد بىرلەشمە كۇلۇب كوماندىسىنىڭ U19 زاپاس قوشۇنىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى كوماندا ئەزالىرى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا توپ مەستانىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا بىر مەيدان كەسكىن، نادىر مۇسابىقە سۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇسابىقىدە توپ باشلاپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۈ خەيلۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن شۇ كۈندىكى دوستلۇق مۇسابىقىسىنى كۆردى.
ساھىبخانا كوماندا قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يېرىم يىل بولغان ئوتتۇراھال A دەرىجىلىك يېڭى قوشۇن، مېھمان كوماندا ئەنگلىيەدىكى 100 يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە كۇلۇبنىڭ كوماندىسى بولۇپ، ئاخىرىدا ناخۇەن كوماندىسى نۆلگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. نەتىجە ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ‹‹ناخۇەن›› كوماندىسىنىڭ سەركەردىسى لى جۈن مۇنداق قارىدى: ‹‹قارشى تەرەپنىڭ كوماندىسى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن زاپاس قوشۇن ئىكەن، ياش توپچىلارنىڭ يېتىلىشىگە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئويناش تاكتىكىسى ناھايىتى يۇقىرى، رىتىمى تېز، تىپىك ئەنگلىيە پۇتبول ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىكەن. مۇسابىقىگە بىزمۇ ياش ئەزالارنى سالدۇق، ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.


مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ‹‹ناخۇەن›› كوماندىسىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3 – نۆۋەتلىك ‹‹يىپەك يولى›› ئىقتىساد بەلبېغى شەھەرلەر ھەمكارلىق – تەرەققىيات مۇنبىرىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مۇسابىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن شېففىيلىد شەھىرى ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئىقتىسادقا ھەمتۈرتكە بولۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
28-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek