ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەلىك بىر ساقچى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش جەريانىدا ‹‹ رولېكىس ›› ماركىلىق سائىتى چىقىلىپ كەتكەن ، شۇ سەۋەبتىن ساقچى بۇ جىنايەت گۇماندارنى سوتقا ئەرز سۇنۇپ، سائىتىنى ياسىتىش ئۈچۈن 5949 دوللار ( تەخمىنەن 37 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) تۆلەم تەلەپ قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۈر ساقچى بۇ ئەرنىڭ داۋاملىق تۈردە قىزلارغا لۈكچەكلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دېلو تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا ئۇ ئاپتوموبىلدىن تاقلاپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان، ساقچى ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتقان، شۇ جەرياندا ساقچىنىڭ سائىتى چېقىلىپ كەتكەن. شۇ سەۋەپتىن ساقچى سوتقا ئەرز سۇنۇپ جىنايەت گۇماندارىدىن سائەت ياسىتىش ھەققى تەلەپ قىلغان.
قارشى تەرەپنىڭ ئادۇكاتى : ساقچىلار جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتقاندا قىممەت باھالىق سائەت تاقىماسلىقى كېرەك ، دەپ تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلغان. بۇ ئىش ياپونىيە تورلىرىدا ئاشكارلانغاندىن كېيىن، تورداشلارمۇ ئادۇكاتقا ئاۋاز قوشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved