جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گېرمانىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مېركېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ گېرمانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى شى مىڭدې زۇڭلى لى كېچياڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ستراتېگىيە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تولۇق بەرپا قىلىدۇ.
شى مىڭدې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىنىڭ قارالمىسى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىنى قاپلايدۇ، ئىككى تەرەپ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى، يېڭى ساھەلىرى، يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئىجادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved