جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى يېقىندا بىر زور كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن چوشقا گۆشىنى سېتىش گورۇھىنى بىتچىت قىلدى. جەمئىي 11 كىچىك گورۇھ 110 ئادەمنى قولغا چۈشۈردى.ئۆتكەن يىلدىن بۇيان جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بىر قېتىملىق كېسەل بىلەن ئۆلگەن چوشقا گۆشى سېتىش ۋەقەسىدىن باشلاپ قول تىقىپ خۇنەن ، گۇاڭشى ، خېنەن قاتارلىق 11 ئۆلكىلەرنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر كېسەل بىلەن ئۆلگەن چوشقا گۆشى سېتىش گورۇھىنى بىتچىت قىلدى. 30دىن ئارتۇق جىنايەت ئۇۋىسىنى پېچەتلىدى، مىڭ توننىدىن ئارتۇق سېسىق چوشقا گۆشى ۋە 48 توننا يۇقۇملانغان گۆشتىن ئىشلەپ چىقارغان ماينى قولغا چۈشۈردى. ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ جىنايەت گورۇھىنىڭ كاتتىباشلىرى يۇتداش، ئۇرۇق-تۇققان ، دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ، مال-چارۋا سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا خادىملىرىغا پارە بېرىش ئارقىلىق ھەرقايسى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى كېسەل بىلەن ئۆلگەن چوشقىلارنى تۆۋەن باھادا سېتىۋالىدىكەن ، ئاندىن ھېچقدانداق زەھەرسىزلەندۈرۈش تەرتىپلىرىدىن ئۆتكۈزمەيلا پارچىلاپ ، يېمەكلىك بىخەتەرلىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋېتىگە تايىنىپ لاياقەتلىك تامغىسىنى باستۇرىدىكەن. ئاندىن رەسمىي يوللار ئارقىلىق بازارغا سېلىپ ،تاللا بازىرى، ئاشخانا ، كولباسا زاۋۇتى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر بازىرى، ماي ئايرىش زاۋۇتى قاتارلىقلارغا ساتىدىكەن. بۇ گۆشلەرنىڭ سېتىلىش دائىرىسى خۇنەن،خېنەن،گۇاڭشى قاتارلىق 11 ئۆلكىنى قاپلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved