پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى خەۋىرى: ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 28-ئىيۇل ھىندىستان يېڭى دېھلىدىكى پالام خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئابدۇل كارامنىڭ مېيىتىغا گۈل قويماقتا.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى 27-ئىيۇل جاكارلاپ، ھىندىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، ھىندىستاننىڭ «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىسى» دەپ نام ئالغان ئابدۇل كارامنىڭ 27-ئىيۇل كەچ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ 83 يېشىدا قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېجى ۋە زۇڭلى مودى كارامنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغان ۋە تەزىيە بىلدۈرگەن، شۇنداقلا «بۇ ھىندىستانغا نىسىبەتەن زور يوقىتىش» دېگەن. ئابدۇل كارامنىڭ مېيىتى 28-ئىيۇل يېڭى دېھلىغا يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە يەتتە كۈن ماتەم تۇتىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved