1-ئاينىڭ 16-كۈنى، توڭ لىيا بىلەن چېن سىچېڭنىڭ ئىككى يىللىق توي خاتىرە كۈنى، ھازىر ئۇلارنىڭ بالىسى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. توڭ لىيا ھازىر ئۆيدە كۈتۈنىۋاتىدۇ، چېن سىچېڭ بولسا ئائىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. توڭ لىيا باش رول ئالغان، يېقىدا قويۇلغان «خەنزۇلار كوچىسىدا دېلو تەكشۈرۈش» ناملىق كىنومۇ قويۇلغان كېيىن تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە بىر قەدەر ياخشى بولغان بېلەت كىرىمىگە ئېرىشتى.
1-ئاينىڭ 16-كۈنى، چېن سىچىڭ مىكرو بىلوگىغا مۇنداق دەپ يازدى: قەدىرلىكىم، توي قىلغان ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنىمىزگە مۇبارەك بولسۇن! بىز بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرلەپ مەڭگۈ ئېسىمىزدە تۇتايلى......ئارقىدىنلا توڭ لىيامۇ بۇ ئۇچۇرنى ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىغا چىقارغان ۋە مۇنداق دەپ قوشۇپ قويغان: 3=1+1 ،كېينكى كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. دودونىڭ دادىسى! تورداشلار دودونىڭ دادىسى دېگەن گېپىدىن توڭ لىيانىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقنىڭ قىز بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
توڭ لىيا بىلەن چېن سىچېڭنىڭ رىشتى «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن باشلانغان، ئەڭ دەسلەپتە چېن سىچىڭ توڭ لىيانى شېن بىڭنىڭ رولىنى ئېلىشقا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىغان، بىراق بۇ قەيسىرانە قىز تىرىشىپ ئاخىرى بۇ رولنى شۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ بىر جۈپ بارا-بارا بىر-بىرسىنى چۈشىنىپ ئاخىرى نىكاھ مەنزىلىگە يەتكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved