ئۇكرائىنادا تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلدى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ جىدىي ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ .قىسمەن روسىيەپەرس نامايىشچىلار شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر سىلاۋىيانىسكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىناسىنى ئىگىلىۋالدى ،قاتمال ۋەزىيەت بىر كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن ،ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بۈگۈن سىلاۋىيانىسكىدا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى باشلىدى دېدى .
ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوف بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مۇنداق دېدى :‹دونسېك ئوبلاستىنىڭ سىلاۋىيانىسكى شەھىرىدە تېرورلۇققا قارشى ھەركەت قانات يايدۇرۇلدى ،ھەرىكەتكە ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى مەسئۇل بولىدۇ .تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچىلار ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدىن كەلگەن ›. ئاۋاكوف سىلاۋىيانىسكى ئاھالىلىرىنى شەھەر مەركىزىدىن ئايرىلىشقا دەۋەت قىلدى .


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىر نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىپ :‹ مەن ھازىر دونىسكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا 120 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە تۇرۇپ خەۋەر بېرىۋاتىمەن ،يېنىمدىكى نامايىشچىلار بالون قاتارلىق نەرسىلەر بارلىق ئاسلىق شەھەر رايونىغا كىرىدىغان يوللارنى قامال قىلىۋاپتۇ .

بۇ يەر سىلاۋىيانىسكىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى،بۇ يەردە بىر قىسىم ھەربىيلەرنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇپ يىغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق ،ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلار قىسمىدىن ئىكەن ›دېگەن . روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى 12-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى بىلەن تېلفونلاشقان ،ئۇ تېلېفوندا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلار ئىگىلىگەن بىناغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ،

ھەمدە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى شەرقىي قىسىم رايونلاردا قورال ئىشلەتسە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش ئىستىقبالىغا،جۈملىدىن جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت تەرەپ سۆھبىتىگە تەسىر يېتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان .
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ 22-ئاپرېل ئۇكرائىنا پايتەختىگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
14-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek