گۆشنى ئىسسىق سۇدا يۇيسا گۆشنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ

خام گۆشنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول بولۇپ، باكتېرىيە يېتىلىدىغان ماكان ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر گۆشنى پىشۇرۇشتىن بۇرۇن يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. بىراق گۆش يۇيۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ئۇزوقلۇقى زىيانغا ئۇچرىشى، ھەتتا بىخەتەرلىككە يوشۇرۇن خېيىم-خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
بەزىلەر قولايلىق بولۇشنى ئويلاپ، خام گۆشنى بىۋاستە جۈمەكتىكى سۇغا تۇتۇپ يۇيىدۇ. جۈمەككە تۇتۇپ گۆش يۇيغاندا گۆشتىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە جۈمەكتىن چۈشكەن سۇ بۇژغۇنسىمان ھالەتتە تەرەپ-تەرەپكە چاچراپ، گۆشتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، ھەم كۆرگىلى بولمايدىغان، ياكى تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ يۈرگەن باكتېرىيەلەرنى چاچرىتىپ ئاشخانىغا تارقىتىدۇ ۋە داس، ئاشتاختا، پىچاق، قاچا-قۇچا قاتارلىقلارغا يۇقىدۇ. سۇ بۇژغۇنلىرى قەيەرگە بارسا باكتېرىيەلەرمۇ شۇ يەرگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى قېتىم خام يېمەكلىكلەرنى جۈمەككە تۇتۇپ يۇيغاندا، ياكى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى پىچاق بىلەن كەسكەندە پىچاقتىكى ۋە جۈمەكتىكى باكتېرىيە يېمەكلىككە يۇقۇپ، يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋىپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
يەنە بەزى كىشىلەر گۆشنى داس ياكى كورىغا قۇيۇپ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈپ يۇيىدۇ. بۇنداق يۇيۇش پاكىز بولسىمۇ، بىراق گۆش تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۆش تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، گۆشنى قىزىق سۇغا چىلىغاندا گۆشتىكى ئاقسىل سۇغا چىقىپ كېتىدۇ-دە، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ. بەزى ئامونىي ئاساس كىسلاتاسى تۈرىدىكى پۇراقلىق ماددىلار ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلارمۇ سۇدا ئېرىپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، توخۇنىڭ تۆش گۆشىنى قىزىق سۇغا چىلىغاندا نۇرغۇن كىراخمالنىڭ ئېرىپ ئازۇتلۇق بىرىكمىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن سىرت گۆشتىكى ئومۇمىي ئازۇت مىقدارنىڭ %5 دىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
شۇڭا، گۆش يۇيغاندا گۆشنى جۈمەكتىن چۈشۈرگەن سۇغا تۇتۇپ يۇيماسلىق كېرەك. مۇقىم بىر داس ياكى كورىغا قۇيۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن يېنىك يۇيۇپ، ئاشخانىنىڭ نېپىز قەغىزى بىلەن قۇرۇتۇپ ئاندىن پىشۇرۇش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
05-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلگۈسى بەش يىلدا داۋاملىق مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يەسلى قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ...
07-05-2016
5-ئاينىڭ 5–كۈنى شاۋياڭ شەھىرى دوڭكۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى  شىمالىي مەكتەپ رايونى جەنۇبىي ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىن سەكرەپ ئۆلۈپ كەتتى.  5-ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتە تولۇق 1-يىللىقنىڭ ئوق...
06-05-2016
    2015-يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىبسىتى يۇقىرى 10 كەسىپ ئىچىدە مالىيە باشقۇرۇش ۋە كومپيۇتېر ئىلمى تېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ن...
06-05-2016
    ئەنگلىيە ‹‹تايمىس ئالىي مائارىپى›› گېزىتى 4 – ماي 2016 – يىللىق دۇنياۋى ئالىي مەكتەپ شەرىپىگە ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى، جۇڭگودىكى بەش ئالىي مەكتەپ 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى. بۇ بەش ئالىي مەكتەپ چىڭخۇا ئۇنىۋې...
04-05-2016
    رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: 28 – ئاپرېل ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىج...
01-05-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شۈن 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ «نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب ...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىقتىكى سىتۇدېنت قىز ۋاڭ شەن خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تارقاتقان 2015 - يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چولپىنى» شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئ...
30-04-2016
     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجىئابلا خەۋىرى، فوتوسى: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ «تەنھەرىكەت، ساغلاملىق _ مېنىڭ خۇشاللىقىم» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يەسلى بالىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28-ئاپرېل ...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك 1-قوش تىللىق بالىلار يەسىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى»نى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىملەرنى سىزىپ، كۆرگەزمە تەشكى...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى سىچۈەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تور ئالاقە تورىدا مەكتەپنىڭ بىر يۈرۈش سۈرىتنى چىقارغان، سۈرەتتە ئايلانما ئىشىك، چوڭ ياي شەكلىدا سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كوچا، بوئىن ئايروپىلانى قاتارلىق ...
Powered by Leglek