تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى مانىسا ئۆلكىسى سوما رايونىدا 5-ئاينىڭ13-كۈنى كان پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.نۆۋەتتە ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 283 ئادەمگە يەتتى.بۇ قېتىمقى ۋەقە تۈركىيە تارىخدىكى ئەڭ ئېغىر كان ۋقەسى بۇلۇپ قالدى.
بىراق غايەت زور ئۆلۈم-يىتىم سانىغا ئەگىشىپ سوما رايوندىكى ئاممىۋى قەبرىلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يىتشمەسلىكى كۆرۈلدى.ھازىر ئىشچىلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ قەبرە كولىماقتا.
ۋولۋونىڭ توپا قېزىش ماشىنىسى بۇ تېراگىدىيەلىك ئاپەتكە شاھىد بولدى، گەرچە سوما ئاممىۋى قەبرىستانلقدىكى 50 ئارتۇق كەسپى قېزىش ئىشچىسى 24 سائەت توختىماي قەبرە كولاش خىزمىتى قىلغان بولسىمۇ قەبىرلەرنىڭ سانى يەنىلا كۆرىنەرلىك كەملىمەكتە.
قەبرىستانلقتىكى 59 ياشلىق قېزىش ئىشچىسى بېكىر چاقماق مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئۆلۈم -يىتىم سانى بەكلا كۆپ بولدى،بىز قازغان قەبىرلەرنىڭ سانى ئېنىقلا يەتمەيدۇ، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ھەممىمىز دىگۈدەك ئۇرۇق-تۇغقان ،دوست-بۇرادەرلىرمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق ، بۇنچە كۆپ ئادەمنى يەرلىككە قۇيۇپ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن ئوخشاشلا قاتتىق ھالسىردۇق. مەن ھازىر قاتتىق ئازابلىنۋاتمەن››
ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى مانىسا ئۆلكىسى سوما رايونىغا جايلاشقان كۆمۈر كاندا ئوت كەتكەن ۋاقىتتا جەمئىي 787 نەپەر ئىشچى كان قۇدۇقى ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن.
تۈركىيە ئىنىرگىيە مىنىستىرى ئىردىسنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-چېسلا بىلدۈرىشچە، مەزكۇر دۆلەتتە يۈز بەرگەن كان پارتىلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاللىقاچان 282 ئادەمگە يەتكەن. ھازىرغا قەدەر يەنە تېخى 90 نەپەر كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان بۇلۇپ ھايات-ماماتلىقدىن دېرەك يوق. يەنە بەزى ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلىپ ئېيتىشىچە نۆۋەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 283 ئادەمگە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved