تەخمىنەن 5 مىليارد 500 مىليون تۇڭ خام نېفىت ساقلانغان
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 31-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 31-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىركىتى ئېينى مىسىرنىڭ دېڭىز بويىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گازلىقنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئېينىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گازلىق 100 كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمنى قاپلايدىغان بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى 1450 مېتىر، زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 تىرىليون كۇب چىغا يېتىدىغان بولۇپ، 5 مىليارد 500 مىليون تۇڭ خام نېفىتقا باراۋەر ئىكەن.
ئېينى شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، Zohr گازلىقى دۇنيادا ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ چوڭ گازلىقلارنىڭ بىرى ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە مىسىرنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.
ئېينى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى Claudio Descalzi نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تارىخىي بايقاش مىسىرنىڭ ھازىرقى ئېنېرگىيە ھالىتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئېينى شىركىتى ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەل ئېنېرگىيە شىركىتى. بۇ يىل ئىيۇندا ئېينى مىسىر نېفىت مىنىستىرلىقى بىلەن ئىككى مىليارد دوللارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، سىناي، سۇۋەيش قولتۇقى، ئوتتۇرا دېڭىز، شۇنداقلا نىل دەرياسى دېلتىسى قاتارلىق جايلاردا چارلاشقا ئىجازەت ئالغان.
ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىن نەچچە قېتىم چوڭ تىپتىكى گازلىق بايقالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved