خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى باشلاقبىنام كەنتىدىكى خۇدۇيۇم بەردى يازدا يالاڭئاياغ يۈرىدۇ، قىشتا ئۆيىدىن تالاغا چىقمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ 56-نومۇرلۇق ‹‹چوڭ›› پۇتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئايىغى يوق.
‹‹20 نەچچە يىل بولدى، پۇتۇمغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر جۈپلا ئاياغ ئۇچرىدى›› دېدى خۇدۇيۇم. مارتنىڭ ئاخىرلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى ئۆيلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا خۇدۇيۇمنىڭ بۇ ‹‹ئالاھىدە›› غېمىنى بايقىدى.
18 ياشتىن باشلاپ ئاياغ نومۇرى تۇيۇقسىز 50-نومۇردىن ئېشىپ كەتتى
41 ياشلىق خۇدۇيۇم بەردىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر بولۇپ، ئۆزىمۇ خېلى قاۋۇل ئىدى. ئۇنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا خېلى پەمى بار ئىدى، بىراق، بىر جۈپ چوڭ پۇتى ئۇنى ئاز غەمگە سالمىدى.
‹‹18 ياشتىن باشلاپ مەن ئاياغ غېمىگە چۈشكەن›› دەيدۇ ئۇ. ئۇنىڭ ئېيتشىىچە، ئۇ 18گە كىرگەندە ئاياغ نومۇرى 50-نومۇردىن ئېشىپ كەتكەن، نەچچە يىلدىن كېيىن ئاياغ نومۇرى 56دە توختاپ قالغان. بازارلاردىكى ئەڭ چوڭ نومۇرلۇق ئاياغلار، ھەربىيلەر كىيىدىغان ئاياغلارمۇ ئۇنىڭ پۇتىغا كىچىك كېلىپ قالغان.
كېيىنچە، خۇدۇيۇم ئۆيلەنگەن، ئۈچ بالىغا دادا بولغان، ھازىر ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ بىرى تولۇق ئوتتۇرىدا، بىرى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا، كەنجىسى بولسا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۇ ئۈچ مو يەردىن كىرىم قىلىدىغان بولۇپ، 50 تۈپ چىلىنى، 30 تۈپ ياڭىقى، 10 قويى ۋە بەش غازىدىن ھەر يىلى 3000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ‹‹بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، شۇڭا تېجىگۈدەك بولسىلا تېجەيمەن، ساپما كەش ئالاي دېسەممۇ بەرىبىر پۇتۇمغا كەلمىگەچكە ئاسانلا يىرتىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا، يالاڭئاياغلا يۈرىدىغان بوپ قالدىم›› دەيدۇ ئۇ.
20 يىلدا بىر ئېرىشكەن ئەتىۋارلىق ئاياغ
ھەر يىلى قىش كەلگەندە، خۇدۇيۇم يەنىلا بىر جۈپ ئايىغىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن مۇز تۇتۇپ كەتكەن يوللاردا يالاڭئاياغ يۈرگىلى بولمىغاچقا، ئۇ ئىمكانقەدەر سىرتلارغا چىقمايدۇ.
‹‹بۇرۇن موزدوزلارنى ئىزدەپ باققانىدىم، بىراق، ئۇلاردىمۇ 56-نومۇرلۇق ئاياغنىڭ قېلىپى يوق ئىكەن، مەن بىر ئادەم ئۈچۈن قېلىپ ياسىسا، باھاسىمۇ ئۇنچە ئەرزان بولمايدىكەن، شۇڭا، يەنىلا ئاياغ كىيىشتىن ۋاز كەچتىم›› دەيدۇ ئۇ.
ئۈچ يىل بۇرۇن، خۇدۇيۇم يېزا بازىرىغا بارغاندا، ناھايىتى چوڭ بىر جۈپ ئاياغنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، بۇ ‹‹كۈتۈلمىگەن ئامەت››كە ئىشەنگۈسى كەلمىگەن خۇدۇيۇم ئالدىراپ-تېنەپ ئاياغنى كىيىپ باقىدۇ، ئاياغ ئۇنىڭغا دەللا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ھاياجاندىن ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىدۇ. نەچچە ئايدىن بېرى سېتىلماي تۇرغان بۇ ئاياغنىڭ ‹‹ئىگىسى›› چىققانلىقىدىن خوجايىنمۇ خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. باشقىلارغا ئوخشاش ئاياغ كىيەلىگىنىدىن ئالەمچە خۇشال بولغان خۇدۇيۇم ئۆزىنىڭ ئەمدى قاچان يەنە بىر جۈپ ئاياغقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، بارىنى ئاسراپ كىيىش ئۈچۈن بۇ ئەتىۋارلىق ئاياغنى ئوبدان يەرگە ئېلىپ قويۇپ، پەقەت ھېيت-بايراملاردا ياكى مېھمانغا بارغاندىلا كىيىدۇ.
ئاياغ كارخانىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس قېلىپ ياسايدىغان بولدى
مارتنىڭ باشلىرى، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ يالاڭئاياغ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولىدۇ ۋە دەرھال گۇرۇپپىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر يەردىن ئۇنىڭغا ئاياغ ئىزدەشكە باشلايدۇ، بىراق، ئەرەنچە ئاياغلارنىڭ ئەڭ چوڭىمۇ 50-نومۇر بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇتىغا ماس كەلگۈدەك ئاياغ چىقمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياڭ گوچياڭ ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا ئاياغ ئىزدەش ‹‹ئېلانى›› چىقىرىدۇ، قالدۇرۇپ قويغان تېلېفون نومۇرىغا نۇرغۇن تېلېفونلار كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە مېكسىكىدىكى دوستلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇقۇشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
‹‹تورنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن مۆلچەرلىگۈسىز ئىكەن›› دەيدۇ ۋاڭ گوچياڭ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تور ئارقىلىق خۇدۇيۇمنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر، ساخاۋەت كارخانىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى، بىر قانچە ئەرەنچە ئاياغ كارخانىسى خۇدۇيۇمنىڭ پۇتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاياغ قېلىپى ياساشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بۈگۈن(9-ئاپرېل)، ياڭ گوچياڭ قاتارلىقلار خۇدۇيۇم بەردىنىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ پۇتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ماڭدى. ‹‹بىز چوقۇم ئۇنىڭ ئاياغ غېمىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز، قېلىپ پۈتسە ئۇنىڭمۇ چىرايلىق ئايىغى بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئەتىياز، ياز، كۈز ۋە قىشتا ئاياغسىز قالمايدۇ›› دەيدۇ
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ئىزدەش نامى ــــــــــــــــــــــ LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved