ئەنگىليە ‹‹ھەر كۈنلۈك پوچتا گېزىتى››نىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈچ يىل بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتى ئاشتون ئىرانغا بېرىپ يادرو مەسلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋاقتىدىكى سۈرىتى ئىران ئاخبارات ۋاستللىرى تەرپىدىن PS قىلنغان ئىكەن.
ئەينى ۋاقىتتا ئاشتون ئۇچسىغا قارا رەڭلىك مەيدە قىسمى كۆرۈنۈپ تۇردىغان كىيىم كىيگەن . ئىران ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ قارشىچە ،مەزكۇر رەسىم بەكلا ئېغىر دەرىجىدە ئۇياتلىق بۇلۇپ، ئۇلار كومپىيوتىر تېخنىكسى ئارقىلىق ئاشتوننىڭ كىيمىنىڭ ياقسىنى ‹‹كۆتۈرۈپ›› بويۇن قىسمىغچە ئۇزارتىپ قويغان.
بۇ يىل 5-ئايدا ئاشتون يەنە بىر قېتىم يادرو سۆھبىتگە قاتنىشدىغان بۇلۇپ بۇ قېتىم ئۇ بەلكىم ئىلگىرىكىدەك ئوڭايسىزلىنىشتىن ساقلىنالىشى مۇمكىن چۈنكى بۇ قېتىم ئىرانلىق بىر كىيىم لايھىلەش ئۇستىسى ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىغا ماس كېلدىغان بىر قۇر ئىران ئەنئەنۋى ئۇسلۇبىدىكى كىيىمنى لايھەلەپ تىكتۈرۈپ بەرگەن بۇلۇپ ، يېڭى كىيمى پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇردىكەن.
ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا، كىيىم لايھەلىگۈچى بولسا ئىراننىڭ ئەڭ داڭلىق كىيىم لايھىلەش ئۇستىسى مىترا تامجىدى ئىكەن. ئۇنىڭ تۇنۇشتۇرشىچە،بۇ پاسوندىكى كىيىم ئىراننىڭ ئەنئەنۋىلكى بىلەن ھازىرقى زامان لايھەسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن .ئىران ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ ئېلان قىلغان ئاشتوننىڭ بۇ كىيىمنى كىيگەندىكى كۆرنۈشىدە كۆرستىلشىچە،بۇ پاسوندىكى كىيىمگە ئۈزۈم ھارىقى رەڭگىدكى پەلتۇ،ياغلىق ۋە باشقا پارقىراپ تۇردىغان زىننەت بۇيۇملىرى ماسلاشتۇرۇپ لايھەلەنگەن.
تامجىدىنىڭ دىيشىچە، بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن ئاشتون ئاللىقاچان بۇ پاسوندىكى كىيمىنى تاپشۇرۋالغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرغانلقنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.ئۇ يەنە مەلۇم بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە يىغنىدا بۇ كىيمىنى كىيىشنى پىلانلىغان.
ئاشتوننىڭ كىيمىگە ‹‹دىققەت قىلغان›› لايھىلىگۈچى يالغۇز تامجىدىلا ئەمەس.بۇ يىل 3-ئايدا ئىراننىڭ كورد ئۆلكىسدىكى سۇسەن جادەت جاسىبى ئۆزىنىڭ ئاشتون ئۈچۈن كورد مىللىتنىڭ ئەنئەنۋى كىيمىدىن بىر قۇر لايھىلەپ بەرمەكچى بولغانلقنى دەپ ئۆتكەن.
ئىگەللىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،ئاشتون ھازىر ئالتە دۆلەت تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۋاتقان بۇلۇپ، ئىراننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگۇنى ئازايتىشقا ئۇرۇنغان.ئەگەر سۆھبەت كىلشىم تۈزەلىسە ،ئۇنداقتا ئوتتۇرا شەرقىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە كۆيۈش ۋەزىيتىگە خاتىمە بېرىلدىكەن.ئىران يادرو سۆھبەت يىغنى مۆلچەرلنشىچە 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن، بۇندىن باشقا ئۇندىن كىيىنكى بىر قېتىملىق يىغىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved