خېڭدا پۇتبول مەكتىپىدىكى بالىلار: بارسېلونا كوماندىسىدىن ئۆچ ئالىمەن

      دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خېڭدا كوماندىسى  بارسېلونا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. گەرچە ئۇتتۇرغان بولسىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر  بولدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭ يۈەندىكى خېڭدا پۇتبول مەكتىپىدىكى بارلىق  ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ مۇسابىقىنى كۆردى.

     ئىسپانىيەنىڭ «ماكا گىزىتى» خېڭدا  پۇتبول تەربىيلەش مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى. سۇئارىز ئۈچ توپ  ئۇرۇپ، خېڭدا كوماندىسى ئۇتتۇرغاندىن كېيىن بۇ كىچىك پۇتبۇل مايسىلىرى قاتتىق  ئۈمىدىسزلەندى لېكىن ئۇلار زىيارەتنى قوبۇل قىلغان چاغدا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە  بارسېلونادىن ئىنتىقام ئىلىشتەك ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

    ماكا گېزىتى بىر  ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ «يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن مەن خېڭدا بىلەن  بارسېلونانىڭ مۇسابىقە ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە مۇشۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ  بارسېلونا كوماندىسىدىن ئىنتىقام ئىلىشنى ئويلايمەن» دېدى ھەمدە ئارقىدىن ئۇلاپلا  «مەن ھازىر ئۇخلايمەن، ئويغانغاندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلىمەن، كەلگۈسىدە  چوقۇم كەسپىي پۇتبولچى بولىمەن ھەمدە خېڭدا كوماندىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمەن» دەپ  ئىرادە بىلدۈردى.

   قىزىقارلىق يىرى شۇ يەردىكى خېڭدا پۇتبول تەربىلەش مەكتىپىنى  خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ھەمكارلىشىپ قۇرغان بولۇپ، بۇ يەردىكى كۆپ ساندىكى  ئوقۇغۇچىلار مادرىد كوماندىسىنىڭ مەستانىسى، ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار بارسېلونا  كوماندىسىنىڭ مەستانىسى ئىكەن. قارىغاندا بۇلار خېڭدا بىلەن مادرىدنىڭ ئۆچىنى  بىراقلا ئالىدىغان ئوخشايدۇ.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
  25-ئاپرېل، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يېڭى نۇسخىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى. كۆك رەڭلىك چاسا شەكىللەردىن تەشكىل تا...
26-04-2016
ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 35-ئايلانمىسىدا، رىم ئۆز مەيدانىدا 1-0 نەتىجىدە ناپولىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋېنتۇس ئۈچ ئايلانما بۇرۇن 2015-2016-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ، ئۇدا بەش نۆۋەت بىرلە...
24-04-2016
    4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 00:30 دا، 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا گېھون رىقابەت بىلەن مۇسابىقىلەشتى....
24-04-2016
    2016-يىلى 24-كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 3:00 دە، 2015-2016 پەسىللىك فىرانسىيە ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى. مۇسابىقىدە سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن لىللې كوماندىسى رىقابەتلەشتى.  &nb...
24-04-2016
4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دە، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆك قوشۇن چېلسى مېھمان مەيداندا بورنېموس بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ ئى...
17-04-2016
   ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئىتالىيە بىرلەشمىسى كېلەركى مۇسابىقە پەسىلىدىن باشلاپ سىن لېنتىسىنى قايتا قويۇش ئارقىلىق رېپېرنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قارار چىقىرىشنى سىناق تەر...
17-04-2016
ئىسپانىيە تاراتقۇسى: رونالدو دائىم نۇقتا توپقا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئۇ بەك شەخسىيەتچى!     پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئېھتىمال گېرمانىيەدىكى بۆرە قەلئەسى كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە قالپاق ئۇيۇنى...
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
Powered by Leglek