خەلق پۇلى ئۈستىدىكى ئۇيغۇرچە خەت
29-01-2015
0
1883
يازغۇچى: ‏نائىلە
thumb

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلاجۇڭگو خەلق بانكىسى دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان خەلق پۇلى تارقىتىلدى. بۇ خەتنى كىم يازدى؟ بۇ خەتنى بىزنىڭ داڭلىق خەتتات ۋە رەسسامىمىز ھوشۇر ئېلى يازغان.

  ھوشۇر ئېلى 1931-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان، 1948-يىلى ئۈرۈمچى سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنى پۈتتۈرگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتى، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى 2-قىزلار مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا رەسساملىق، خەتتاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1950-يىلىدىن 1951-يىلنىڭ ئاخىرغىچە بېيجىڭغا يۆتكىلىپ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا گۈزەل سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1952-يىلىدىن 1991-يىل 8-ئايدا پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كىنو فىلىم تارقىتىش-قويۇش شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق كىنوخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

  ھوشۇر ئېلى 1945-يىلدىن باشلاپ ئۆزلۈكىدىن رەسساملىق، خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئىشلىگەن ئورۇنلىرىدا ئۆز ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى. كىنو فىلىم تەشۋىقات ساھەسىدە سىزغان رەسىملىرى مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۆزى «ئىلغار كىنو تەشۋىقات خادىمى» دېگەن نام ۋە مىس مېدالغا ئېرىشكەن. خەلق پۇلىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش ئىدى.

 

1950-يىل 5-ئايدا بېيجىڭدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ ئۈستىگە «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن خەتنى يېزىپ بەرگەن. 1984-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە «ئېلىپبە» كىتابنىڭ مۇقاۋا ھەم بارلىق خەتلىرىنى يېزىپ بەرگەن. «قۇتادغۇبىلىك»، «قۇرئان كەرىم»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇقاۋا خەتلىرىنى، ئىچكى ماۋزۇ ۋە قىستۇرما رەسىملىرىنى ئىشلەپ بەردى.

 

شۇنىڭدەك بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن نەشر قىلغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا خەتلىرىنى يېزىپ بەردى. «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم ھەر خىل مەزمۇن، ھەر خىل شەكىلدىكى نادىر ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى ھەم مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

 

1992-يىل 10-ئايدا تاشكەنت شەھىرىدە ئېچىلغان كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەڭلىك ۋە رەڭسىز 27 پارچە ئەسىرى كۆرگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. 1988-يىلى ئۇنىڭ تەرجىمىھالى «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان داڭلىق خەتتاتلار قامۇسى» ۋە «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر لۇغىتى»گە قىسمەن نادىر ئەسەرلىرى بىلەن كىرگۈزۈلدى.

  1996-يىلى ئۈرۈمچىدىكى خەتتاتلار جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا تون كىيگۈزدى. ھەم گېزىت-ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزورلاردا ئالاھىدە تونۇشتۇردى. ئۈرۈمچىدە نەشردىن چىققان «بىزنىڭ خەتتاتلىرىمىز»، «ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىردىن تاللانمىلار» قاتارلىق بىر قانچە توپلامدا ئۇنىڭ 50 پارچىگە يېقىن ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇ، خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆزىگىلا باغلاپ قالماستىن، ھەر يىلى بىر قانچە قارار ھۆسنخەت كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەپ، خەتتاتلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. شۇنداقلا تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھۆسنخەت دەرسلىرىنى ئۆتۈپ، ئەۋلادلارنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇردى.

 

1996 -يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تەييارلىغان لازىرنۇرلۇق، كومپيۇتېر مەتبەئە سىستېمىسىغا ئۇيغۇر تۈز خەت نۇسخىسى، رۇقئى خەت نۇسخىسىنى يېزىپ بەردى. 1999-يىل 7-ئايدا ئۇنىڭ تۆت خىل نۇسخىدىكى خەتنى ئۆگىنىش قوللانمىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ بەردى.

 

  ھوشۇر ئېلى خەتتاتلىق ساھەسىدە «شىنجاڭ خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە تۆھپە مۇكاپاتى»، «پەزىلەتلىك سەنئەتكار ناماياندىسى»، «ئەخلاق، كەسىپتە يېتىلگەن خەتتات» دېگەن شەرەپلىك ناملار بىلەن مۇكاپات لوڭقىلىرىغا ھەم شەرەپ گۇۋاھنامىلەرگە، 1988-يىلى «مۇئاۋىن تەتقىقاتچى» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى. 1988-يىلى سىياسىي كېڭەش ئۈرۈمچى شەھەرلىك 7 -نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

  ھوشۇر ئېلى 1984-يىلدىن 1998-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1985-يىلدىن 2001-يىل 11-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، 1986- يىلدىن 2000-يىل 9-ئايغىچە پېشقەدەم خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىگەن.ھوشۇر ئېلى ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش رەسساملىق، خەتتاتلىق يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پېشقەدەم خەتتاتلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى


 


خەتكۈچلەر:
29-01-2015
0
1883
يازغۇچى: ‏نائىلە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2015
0
244
thumb
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى داڭ جىخاۋ قەدىمىي قەبرىنى قازماقتا ماناس ناھىيە باۋجياديەن بازىرى خېيلياڭۋەن كەنتىدە بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىگە مەنسۇپ ...
20-05-2015
0
175
thumb
2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئۇرۇشقا قاتناشقان، 2 مىليارد كىشى(دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ) ئاپەتكە ئۇچرىغان، ...
12-05-2015
0
189
thumb
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل گەرچە 9-ماي موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن 10-ماي يەنىلا موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم رۇسىيە زۇڭتۇڭى پ...
12-05-2015
0
279
thumb
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، زىيان ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئۇرۇشقا چېتىلىپ قالدى.بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدىغان 2 مىليارد نوپۇسقا تەسىر...
10-05-2015
0
624
thumb
12-سىنتەبىر ھەربىي ئۆزگىرىشى سىياسىي جىنايەتلەر، قانلىق 1-ماي، چورۇم ۋە ماراش ۋەقەلىرى، پارلامېنتنىڭ تاقىۋېتىلىشى، ئىقتىسادى كىرزىس…. تۈركىيە تارىخىغا بازغاندەك ئۇرۇلغان سىياسىي مۇساپىنىڭ جەريانى. تۈركىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ھايا...
30-04-2015
0
209
thumb
ئېتىرازچى ئامما 29-ئاپرېل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا شوئار توۋلاپ، ئابې شىنزونىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى نۇرغۇن جۇڭگو، كورېيە ئەلئارا تەشكىلاتلىرى شۇ يەر ۋاقتى ...
13-04-2015
0
327
thumb
ھىلارىي رودھام كىلىنتون، 1947-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتى چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ 67-قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 2001-2009-يىللىرى ئارىىسدا ئامېرىكا پارلامېنتىدا نيو يورك شىتاتى ۋە...
25-03-2015
0
633
thumb
‹‹پايدىلىنىش خەۋىرى تورى›› نىڭ 25-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە جائەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئەترىتى 4200 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ئايالنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغان، مىسىرلىقلار بۇنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئە...
21-03-2015
0
619
thumb
كەلپىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، قىر تاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. كەلپىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇغا قاراشلىق جاي ئىدى. 1902 – يىلى كەلپىن تەپتىش بېگى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كەلپىن تارماق مۇداپىئە نائىب ھاكىمى قوي...
12-03-2015
0
572
thumb
سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەنگلىيە پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېچىنىشلىق دېلوغا چېتىشلىق باش مەسئۇل ساقچى يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.1989-يىللىق خىلىسبۇرگ پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېچىنىشلىق دېلوغا چېتىشلىق ساقچى دائىرلىرىنىڭ...
Powered by Leglek