جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېپال ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 28-ئاپرىلدىكى ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، نېپالدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5057 گە يەتكەن، مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە ئۆلگەنلەر سانى يەنە يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى نېپال ھەربىي تەرەپ بىر باياناتىدا 28-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكە قەدەر يەر تەۋرەشتە جەمئىي 8299 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئېيتىلغان.
نېپالدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى 28-ئاپرىل 4-كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆتتىن بىر قىسىم نوپۇس، يەنى سەككىز مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليون 400 مىڭ ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇش ئاشلىقىغا موھتاج ئىكەن.
نېپال زۇڭلىسى سۇشېل كويرالانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان بولۇپ، ھازىرقى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنىلا كۆمۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەشكە قاراتقان، لېكىن يېزىلاردىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەر بەكمۇ كۆپ بولغانلىقتىن ھۆكۈمەتنىڭ بەك ئامال قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سۇشېل كويرالانىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى چېدىر ۋە دورا قاتارلىقلار بولۇپ، يارىدارلار سانى 7000 دىن ئاشقاچقا بەزىلەر يەنىلا يامغۇرلاردا سىرتتا يېتىۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشمۇ ھازىر ھۆكۈمەتكە بولغان بىر چوڭ خىرىس ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved