ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى تۆۋەن ئېقىمغا 8 مىليارد 890 مىليون كۇپ مېتىر گاز يەتكۈزدى، بۇ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %26 كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە كۈندە ئەڭ كۆپ يەتكۈزۈش مىقدارى 75 مىليون 460 مىڭ كۇپ مېتىرغا يېتىپ، تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، ئۆتكەن يىلى قىش ۋە بۇ يىل ئەتىيازدىكى تۆۋەن ئېقىمنىڭ گازغا بولغان تەلىپىنى قاندۇردى.
ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان تارىم نېفىتلىكى تۆۋەن ئېقىمدىكى 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 120نەچچە شەھەرنىڭ سانائەت ۋە ئاھالىلىرىنى گاز بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ھەر يىلى قىشتىن كېيىن، تۆۋەن ئېقىمنىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى تېز ئېشىپ، يۇقىرى ئېقىمنىڭ بىخەتەر گاز بىلەن تەمىنلىشى ۋە گاز يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ. شۇڭا تارىم نېفىتلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا دەرىجىلىك بىر قانچە تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، بىر قاتار دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقلارنى قازدى، يۈز مىليارد كۇپ مېتىرلىق ئالتە گاز زاپىسىنى كەينى-كەينىدىن بايقىدى، قارسۇ نېفىتلىكى بىر تىرىليون كۇپ مېتىرلىق بايلىق مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆۋەن ئېقىمنىڭ گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.
![]() |
«قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved