جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر 7-ئايدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يېرىم يىل داۋاملاشقان «تايغان 2014» مەخسۇس ھەرىكىتىدە جۇڭگودىن سىرتقا قېچىپ كەتكەن 680 ئىقتىسادىي جىنايەتچى 69 دۆلەت ۋە رايوندىن ئوڭۇشلۇق تۇتۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇتۇپ كېلىنگىنى 290، ئۆزىنى مەلۇم قىلغىنى 390 بولغان.
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى مېڭ چىڭفېڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەخسۇس ھەرىكەت مول نەتىجە ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، سىرتقا قېچىپ تۇتۇلغان جىنايەتچىلەرنىڭ سانى، چېتىلغان دۆلەت ۋە رايون دائىرىسى مىسلىسىز بولۇپ، چەتئەللەردىن تۇتۇپ كېلىش، ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى تېخىمۇ پۇختىلاندى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ۋە ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش يەر شارى تورى كۈنسايىن مۇكەممەللىشىپ، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇۋېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە خىيانەتچىلىك، چېرىكلىك قىلمىشىغا بولغان غايەت زور ھەيۋىلىك رولى-جۇڭگونىڭ ئەتراپلىق، مۇكەممەل بولغان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىر مۇھىم ھالقىسىغا ئايلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved