خەلق پۇلى پېرىۋوت قىممىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىي يۈزى يامان ئەمەس. جۇڭگودا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر يەتكۈچە بار، كۆپ قىسمى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ھەققىدىكى باش ئاغرىقى، ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى بۇرۇنقىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئىشقىلىپ ھەر ھالدا بەك تۆۋەنمۇ ئەمەس. دۇنيادىكى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىسادىي ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى جۇڭگونى بېسىپ چۈشىدىغانلىرى يوق دېيەرلىك.
پېرىۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىقتىسادىي ئاساس ئاساسلىقى ئىككى خىل كۈچ:
بىرى دۆلەتنىڭ كىرىم چىقىم نىسبىتى: كىرىم چىقىمدىن كۆپ بولسا بۇ سودىدىكى ئاكتىپ بالانىس بولۇپ، پېرىۋوت نىسبىتىگە تىرەك بولىدۇ، كىرىم چىقىمدىن ئاز بولسا بۇ پېرىۋوت نىسبىتىگە قىممىتى چۈشۈش بېسىمى ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا ئاكتىپ بالانىس دۆلىتى، بۇ يىللاردا داۋاملىق شۇنداق بولىدۇ، بۇ كۈچتىن قارىغاندا خەلق پۇلى كۈچەيسە توغرا بولاتتى.
يەنە بىرى، خەۋپ خەتەر ئارقىلىق تەكشىلىشتىن كېيىنكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان پۇل مۇئامىلە مۈلۈكلىرى پايدا نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇش: كاپىتال تۈرى نىسبىي ئېچىۋىتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ كۈچنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىگە بولغان تەسىرى ئالدىنقى كۈچتىن چوڭ بولىدۇ. ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان پۇل مۇئامىلە مۈلۈكلىرى پايدا نىسبىتى ئاساسلىقى ئىككى ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ: بىرى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى؛ يەنە بىرى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ ئېچىۋىتىلىش دەرىجىسى.
جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا گەرچە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 6% دىن تۆۋەنلەپ باقمىدى، 6% نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسى. پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ يېتىلىشىدىن قارىساق، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلغا سېلىشتۇرغاندا جۇڭگو پۇل مۇئامىلە مۈلۈكلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە سانى چوڭ كۆلەمدە ئېشىپ، پايدىغا ئېرىشىش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلدى.
بەزىلەر «جۇڭگو بانكىسى مۈلۈكلىرىنىڭ ناچارلىق دەرىجىسى ئېشىپ مۈلۈك باھاسىدا كۆپۈكچىلەر كۆرۈلۈپ، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە مۈلۈك پايدا نىسبىتى خەۋپ خەتەر ئارقىلىق تەڭشىلىشتىن كېيىن ئامېرىكىغا يېتەلىشى ناتايىن» دەپ قارىماقتا. بۇ قاراشلارمۇ ئاساسسىز ئەمەس، ھەم پېرىۋوت نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھازىرقى كاپىتال تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسىدىن قارىغاندا:
جۇڭگولۇقلار چەتئەلدىن قايسى پۇل مۇئامىلە مۈلۈكلىرىنى سېتىۋالالايدۇ، پايدا نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟
كۆپ قىسىم جۇڭگو خەلقى پەقەت ئۆسۈمى تۆۋەن بولغان بىچارە ئامېرىكا دوللىرىنى بانكىغا ئامانەت قويالايدۇ، ئۆسۈم نىسبىتى خەلق پۇلى ھېسابىدىكى مالىيە باشقۇرۇش ئۆسۈم نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەن.
چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى جۇڭگودىن قايسى پۇل مۇئامىلە مۈلۈكلىرىنى سېتىۋالالايدۇ، پايدا نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟
جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتىرىلمەكتە، كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو مۈلۈكلىرىگە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن كۈچلۈك. خەۋپ خەتەر ئامىلىنى ئويلاشقاندا جۇڭگو پۇل مۇئامىلە مۈلۈكلىرىدە مەبلەغنىڭ قايتىش پەرقى چوڭ، ئەمما ئوتتۇرىچە قىممىتى خېلى يۇقىرى. تەجرىبىسى مول مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگودا پايدىغا ئېرىشىش پۇرسىتى يەنىلا كۆپ.
يەنە بىر خىل كۆز قاراش شۇكى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى خېلى كۆپ ئاشقان بولغاچقا، خەلق پۇلى يۇقىرى مۆلچەرلىنىپ قالغان.
بۇ كۆز قاراش ئانچە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. خەلقئارالىق تەجرىبىلەردىن قارىغاندا ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيىتى زور بولغان دۆلەتلەردە پۇل قىممىتى 100%-200% كىچە ئېشىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلىدۇ. جۇڭگو ئۆتكەن 30 يىلدا ئىنتايىن ئۆلچەملىك بولغان سانائەتلىشىش ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈردى، ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى، ئۆتكەن ئون يىلدا جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئېشىشى كېرەك ئىدى.
پېرىۋوت بازىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قېلىنىشىغا كەلسەك، بۇ يەردە ئەلۋەتتە بىر پايدىلانما ئوتتۇرىچە تەڭپۇڭ پېرىۋوت نىسبىتى مەۋجۇت. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نەزەرىيىۋى رامكا جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىي ئېرىشكىلى بولىدىغان تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى جەھەتتە بولسۇن، خەلق پۇلى ئوتتۇرىچە تەڭپۇڭ پېرىۋوت نىسبىتىنى توغرا مۆلچەرلەش ئىنتايىن قىيىن، خەلق پۇلىنىڭ يۇقىرى مۆلچەرلىنىپ قېلىشى ياكى تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قېلىشىغا تەبىر بېرىشمۇ قىيىن.
ئىقتىسادىي ئاساسىي يۈزدىن قارىغاندا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى زادى نېمىشقا تۇيۇقسىزلا چوڭ كۆلەمدە چۈشۈشكە يۈزلىنىشىنى چۈشىنىش تولىمۇ قىيىن، ئەمما پېرىۋوت نىسبىتى پەقەت ئىقتىسادىي ئاساسىي يۈز تەرىپىدىنلا ئەمەس بەلكى پۇل سىياسىتى ئاساسىي يۈز تەرىپىدىنمۇ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ كەينىدىكى پۇل سىياسىتى ئاساسىي يۈزدىن قارىغاندا خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشىنى چۈشىنىش تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.
خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنىڭ كەينىدە كاپىتالنىڭ ئېقىپ چىقىشىنىڭ كىرىشىدىن كۆپ بولۇشىدەك تۈپ سەۋەب بار، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى بىر تەرەپتىن كارخانا تاشقى قەرزى پىشاڭ بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن كارخانا ۋە خەلق خەلق پۇلى مۈلۈكلىرىنى ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق باھا ھېسابلايدىغان مۈلۈكلەرگە ئالماشتۇرغان. نېمىشقا كارخانا ۋە خەلق تۇيۇقسىزلا ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرىدۇ؟ ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق باھا ھېسابلىسا خەلق پۇلى ئارقىلىق باھا ھېسابلىغانغا قارىغاندا ئۆسۈمى يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق باھا ھېسابلىنىدىغان مۈلۈكلەرنىڭ پايدىسى خەلق پۇلى ئارقىلىق باھا ھېسابلىنىدىغان مۈلۈكلەرنىڭ پايدىسىدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە خەلق پۇلى پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ چۈشۈش مۆلچەرى سەۋەبىدىن شۇنداق بولىدۇ. كۆپچىلىك خەلق پۇلىنىڭ چۈشۈشىگە ئىشەنگەچكە تاشقى قەرزنىڭ پىشاڭ بولۇشى ۋە ئامېرىكا دوللىرى مۈلۈكلىرىگە ئالماشتۇرۇشلار تەبىئىيلا بولىدىغان ئىش.
نېمىشقا قىممىتى چۈشۈش مۆلچەرى بولىدۇ؟ بۇ مۆلچەرنى نۆۋەتتىكى خەلق پۇلى پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ مېخانىزىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
11-ئاۋغۇستتىن كېيىن، پۇل قىممىتىنى چۈشۈرۈش ستراتىگىيىسى قوللىنىلدى، ئۆتكەن يىل 8-10-ئايلاردا كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشى ئېغىرلىشىپ پېرىۋوت نىسبىتى بېسىمى ئېغىر بولغان ئەھۋالدا پۇل مۇئامىلە دائىرىلىرى كۆپ مىقداردا تاشقى پېرىۋوتنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، خەلق پۇلىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلدى. 11-ئايدا كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشىلاندى. پۇل مۇئامىلە دائىرىلىرى بازارنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياج مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، خەلق پۇلى قىممىتىنى ئاز مىقداردا چۈشۈردى. بازار مەركىزى بانكىنىڭ خەلق پۇلى قىممىتى چۈشۈشىگە سەۋر قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشۈش بېسىمى يەنىمۇ ئېغىرلاشتى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved