پىدائىيلىرىمىز ھەرىكەتتە

     مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك باشلاندى. ماھىرلار، تىرېنېرلار، تاراتقۇ خادىملىرى، تەشكىلىي كومىتېتنىڭ خادىملىرىغا ئوخشاشلا مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇۋاتقانلار ئارىسىدا يەنە بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىز بار. ئۇلار دەل پىدائىيلار. ئۇلارنى مۇسابىقە مەزگىلىدىكى «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» دەپ تەرىپلىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقلۇق قىلماس.


مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى پىدائىيلار بىلەن.

      مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پىدائىي قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، ئەۋەتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانىدى. 2015-يىلى 6-ئايدا پىدائىي قوبۇل قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، توردا تىزىملىتىش ۋە پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق مەسلىھەت سوراش شەكلىدە جەمئىي 5000 دىن ئارتۇق كىشى ئۆزىنى پىدائىيلىققا تىزىملاتقانىدى. قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق، 1400 كىشى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلىقىغا بېكىتىلگەنىدى. ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 17 مىللەت كىشىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 52 ياش، كىچىكى 16 ياش بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 21 ياش.

     شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن 97 نەپەر ئىستۇدېنت مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلىقىغا تاللانغان بولۇپ، بۇ ئىستۇدېنتلار ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، ئاللىقاچان خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنىدى. شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئابدۇغېنى ئابدۇۋەلى پىدائىيلار يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ پىدائىيلار يېتەكچىسى ئابدۇغېنى ئابدۇۋەلىنى زىيارەت قىلماقتا.

مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى پىدائىي ئابدۇرېھىم ئەمەرنى زىيارەت قىلماقتا.

ئابدۇرېھىم ئەمەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ چەت ئەل تىللىرىغا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. پىدائىيلىققا تاللىنىش ئابدۇرېھىم ئەمەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى.

مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى پىدائىي مۇبارەك غېنىنى زىيارەت قىلماقتا.

مۇبارەك غېنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. شوخ، كۈلگۈنچەك بۇ قىز ھاردىم-تالدىم دېمەي، پىدائىيلىق خىزمىتىنى يۈرۈشتۈرمەكتە.

ئىشىنىمىزكى، تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە پىدائىيلىرىمىز مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى 28 ياشلىق بىر ئەر ئون كۈندە سەككىز ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقتىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قامالدى. Mehdi Midani ئالدىنقى يىلى 10-ئايدىكى ئون كۈندە، دائىم كېچىدە ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئايا...
27-04-2016
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ساقچىلار ھەربىي ئارمىيە 1-قىسىم ئالار شەھىرى ساقچى ئىدارىسى توقاي يېزىلىق ساقچىخانا 4-ئەترىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەر تەكلىماكاننىڭ شىمالىي قىسمى. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ رەسىم  ھەربىي ئارمىيە 1-قىسىم ئال...
27-04-2016
    تەيۋەن ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 40 ياشلىق ھوللىۋود داڭلىق ئايال چولپىنى ئەنجىلىنا جۇلى يېقىندا ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن باش بەتكە چىققان. ئۇ 25-ئاپرېل لوندوندا كەچلىك غىزادا بولغان بولۇپ، كۈلرەڭ ناكىدكا بىلەن پۈتۈن...
27-04-2016
     ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 26 ياشلىق فىنلاندىيەلىك قىز جاسمىن بىرىتنىڭ قول-پۇتى پالەچ بولغاچقا ماڭالمايدىكەن، ئۇ ئۆزىنى باربى مەلىكىلىرىدەك ياساشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، ...
27-04-2016
     شيەنياڭ يىماۋ مەيدانىدىكى بىر تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ دۇكاندارى يانفونىنى ئىشلەتمەكچى بولۇپ قارىسا، iPhone 6 سى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. كۆرگۈنى كەينىگە ياندۇرۇپ كۆرۈپ، يانفوننى بىر كىچىك قىزنىڭ ئوغرىلىغانل...
27-04-2016
    ناخشىچى ماۋ نىڭ 26-ئاپرېل كەچتە مىكرو بلوگىغا ئۆزىنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان رەسىملىرىنى چىقارغان، رەسىمدە ئۇ قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، رەڭگى-روھى خېلى ياخشىدەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئۇنىڭ بۇلتۇر نويابىردا زە...
27-04-2016
     فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 26-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26-ئاپرېل 28 ياش ئانا ئوغو (Aurore Baumgartner) ئۈستىكى سوئىن (Haute-Saône) ئۆلكىلىك ئېغىر جىنايەت سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىن...
27-04-2016
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماشىنا ئادەملەرنى ئادەملەرنىڭ ئورنىغا دەسستىش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەر تارقالماقتا. تۈنۈگۈن، گۇاڭجۇدىكى ئىككى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى غەلىتە خىيالغا كېلىپ قالدى يەنى مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئورنىغا م...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا، جىنەن چاڭچىڭ ئۇنىۋېرستېت شەھەرچىسى شەندۇڭ بىرلەشمە ئۇنىۋېرستېت ئىشىكى ئالدىدا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 20 ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىت بىر قانچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بى...
27-04-2016
    يېقىندا 128 يىللىق تارىخقا ئىگە شىۋېتسارىيە ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى، شىۋېتسارىيە رومېر سائىتى (ROAMER)، داڭلىق سەنئەتكار جېڭ جىيايىڭنى داۋاملىق تۈردە 2016-يىللىق جۇڭگو رايونىدىكى ئوبراز ۋاكالەتچىسى قىلىپ بېكىتكەنلىك...
Powered by Leglek