مىسىر زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى رىقابەتچىلەر كەسكىن تىركەشمەكتە

مىسىر زۇڭتۇڭ سايلىمى تەشۋىقات ۋاقتىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، ئىككى نامزات ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، كەسكىن ئېلىشىشقا باشلىدى. سابىق ئارمىيە رەھبىرى سېسى 15-ماي شۇ جايدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى؛ سولقانات سىياسىي گۇرۇھنىڭ رەھبىرى ساباھ 16-ماي تەشۋىقاتنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن، يەنە مىسىرنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ئىسكەندىرىيەگە بېرىپ يەنە بىر مەيدان يىغىلىشقا قاتناشتى.


مىسىر ئالىي زۇڭتۇڭ سايلام كومىتېتى 2-ماي سېسى بىلەن ساباھنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتلىرى بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن چوڭ سايلام بۇ ئىككىيلەننىڭ تىركىشىش مەزگىلىگە كىردى. كۈنتەرتىپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، نامزاتلار 3-مايدىن 23-مايغىچە تەشۋىقات پائالىيىتى قىلىدۇ، 26- ۋە 27-ماي سايلامغا تۇنجى نۆۋەت ئاۋاز بېرىلىدۇ.


كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: ئىككى نامزاتنىڭ تەشۋىقات تاكتىكىسى بەكلا ئوخشىمىغاننىڭ ئۈستىگە، رىقابەت پىروگراممىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئىككىيلەن يولغا قويغان تەشۋىقات كۈرىشىدىن قارىغاندا، ئاخىرقى نەتىجىگە ھۆكۈم قىلىش يەنىلا تەس، ئاۋاز توپلاش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى.


بىرىنچىدىن، سېسىنىڭ جەمئىيەتتىكى سەرخىللار توپىغا مايىل بولۇش تاكتىكىسى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ھەممە ئىشنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ساباھنىڭ ئىزلىرى مىسىرنىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرىدە قالدى. سايلام رىقابىتى باشلىنىپ ھازىرغىچە، سېسىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى پەقەت پايتەخت قاھىرە بىلەنلا چەكلەندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر يىغىلىشتا ئاشكارا كۆرۈنمەستىن، بەلكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە كارخانىچىلار، پارتىيە-گۇرۇھ رەھبەرلىرى قاتارلىق سەرخىللار توپى بىلەن كۆرۈشۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت قارىشىنى يەتكۈزدى. ساباھ بولسا تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۆزى مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئاممىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، سايلىغۇچىلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت پىروگراممىسىنى قاراتمىلىق شەرھلىدى. نۆۋەتتە، ساباھ قاھىرە، گىزا، داكاھلىيا، شەيخ كەنتى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەردە نۇتۇق سۆزلىدى.

 

جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: سېسى بەلكىم بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى يىغىلىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى بىۋاسىتە نامايان قىلىشتىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەھرۇم قىلدى. ئەمما ساباھ بولسا، رىقابەتچىسىنىڭ ئارمىيەنىڭ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان مەزگىلدە جۇغلىغان يۇقىرى قوللاش نىسبىتى ئالدىدا، پەقەت كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىگە ئاۋاز توپلاپ، رىقابەتچىسىدىن ئېشىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلدى.
ئىككىنچىدىن، ئىككى نامزاتنىڭ رىقابەت مەبلىغىنىڭ پەرقى بەك چوڭ. سېسى رىقابەت ئۆمىكىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى تارىق نۇر يېقىندا تاراتقۇلارغا ئۆمىكىمىز ئاز دېگەندە 12 مىليون مىسىر فوندىنى ئاممىۋى يىغىلىشقا تەشكىللەش، رادىيو، تېلېۋىزىيە، مەتبۇئات تەشۋىقاتلىرىغا ئىشلەتتى دېدى. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ساباھنىڭ رىقابەت ئۆمىكى ھازىرغىچە تەشۋىقاتقا يۈز مىڭ مىسىر فوندى ئىشلەتتى ھەم 200 مىڭ مىسىر فوندى ئىئانە توپلىدى، بۇ-ساباھ رىقابەت ئۆمىكىنىڭ ئېغىر مەبلەغ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.


مىسىرنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نامزاتلارنىڭ رىقابەت تەشۋىقاتىغا كېتىدىغان چىقىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 20 مىليون مىسىر فوندى بولىدۇ. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئىككىيلەننىڭ مەبلەغ جۇغلاش ئىقتىدارىدىكى پەرق ناھايىتى زور دەرىجىدە رىقابەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىكى پەرقنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ سېسىنى مەبلەغ بىلەن قوللىشىمۇ ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن كۈچلۈك چاقىرىق كۈچى ۋە مۇستەھكەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


بۇندىن باشقا، رىقابەت پىروگراممىسىدىن قارىغاندا، گەرچە ئىككىيلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا تۇتقان پوزىتسىيە، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق دۆلەت دۇچ كەلگەن ئاساسلىق كىرىزىس جەھەتتە ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش جەھەتتىكى لايىھەسىدە يەنىلا ئۆز ئالدىغا قارىشى بار. سېسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش-مەن زۇڭتۇڭ بولۇپ قالسام ئورۇنلايدىغان باش ۋەزىپەم دېدى ھەم ئىقتىساد، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، سەھىيە قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرنى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەڭپۇڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ساباھ زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ قالسام، ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشىم نامراتلىقنى ئازايتىش دېدى ھەم بايلىق تەقسىملەشنى تەڭشەش، تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


سېسى سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش ھەرىكىتىدىكى بۇ قاتتىق قول ھەربىي سايلامدا شەك-شۈبھىسىز ئۇتۇپ چىقىدۇ دەپ قارىدى، ئەمما 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئېرىشكەن ئاۋازى بىلەن 3-ئورۇندا تۇرغان ساباھ جامائەتچىلىك تەرىپىدىن قوشۇمچە ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ دەپ قارالدى.


مىسىرنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى، «بۈگۈنكى مىسىر» تورىنىڭ باش مۇھەرىرى ئادىل سابىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سايلام ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، سېسىنىڭ ئەۋزەللىكى ساباھتىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۇتۇپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ. ساباھ گەرچە بىر قىسىم ياشلار تەشكىلاتلىرى ۋە سولقانات گۇرۇھلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، بۇندىن بۇرۇنقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش جەريانىدا توپلىغان ئەلرايى ئاساسى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن سېسىنى مەغلۇب قىلىمەن دېسە، يەنىلا غايەت زور خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

 



خەتكۈچلەر:
19-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
      شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، برازىلىيەنىڭ برازىلىيە شەھىرى، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روسسېف سۆز قىلدى.       شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
13-05-2016
          شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، 21 سائەتكە سوزۇلغان بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى باياناتتىن كېيىن، برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە زۇڭتۇڭ رۇسسېفقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغان بو...
13-05-2016
     ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بلاتتېر فىرانسىيەگە بېرىپ نەق مەيداندا 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى.   &...
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
Powered by Leglek