رەھبەرلەرنى قەستلەش قەدىمىي دەۋر ۋە جەڭ دەۋرىگىلا خاس ئەمەس، ھازىرقىدەك تېنچلىق مەزگىلدىمۇ ھەممە يەر خەتەرلىك. «جۇدۇ» ماھارىتى، «تەيچۈەن گۇمپىسى» نى پىششىق ئىگىلىگەن، KGB نىڭ ئالاھىدە خادىمى بولۇپ باققان، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ «جېگەرلىك ئەزىمەت» دېگەن نامى بار، ئۇ ئالاھىدە خادىم بولغان مەزگىللەردە ئەزەلدىن مەغلۇب بولۇپ باقمىغان، سىياسىي بىلەن ھەپىلەشكەندىن كېيىن مەيلى ئىچكى جەھەتتىن ياكى تاشقى جەھەتتىن بولسۇن قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغان.
رۇسىيە تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، زامانىمىزدىكى گۇمپا ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى رەھبەر ھېسابلىنىدىغان پۇتىن سەككىز قېتىم سۈيقەستكە ئۇچرىغان. ئامېرىكا «تاشقى دېپلوماتىيە سىياسىتى» ژورنىلى بۇرۇن ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى قەستلەش نىشانلىرى تىزىملىكى» دە پۇتىن 2 – ئورۇندا تۇرغان.
1 – قېتىملىق سۈيقەست.
باشقىلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇستازىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ئىككى «پۇتىن» پەيدا بولغان.
1999 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، پۇتىن مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولۇپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، سانپېتېربورگقا بېرىپ سوبۇخاكنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ۋاقىتتا، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان. سوبخاك پۇتىننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن سانپېتېربورگ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان، شۇ يىلى ئۇ پۇتىننى 1 – مۇئاۋىن شەھەر باشلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن پۇتىن سىياسىي سەھنىگە چىققان. شۇڭا پۇتىن جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن «سۈيقەست قىلىش» پاراڭلىرىغا قۇلاق سالماي، سانپېتېربورگقا بېرىپ، ئۇستازىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان.
شۇ مۇراسىم بولۇشتىن بۇرۇن، چېچىنىيەدىكى ئاسىي ئارمىيەنىڭ قوماندانى باسسايېف 2.5 مىليون دوللار سۆيۈنچە بېرىپ، پۇتىننىڭ «كاللىسىنى ئالماقچى بولغان». چېچىنىيە تېررورچىلىرى يەنە قاتىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇتىن سانپېتېربورگقا كەلگەن ھامان شۇ دەپنە مۇراسىمىدا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قول سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ھېلىمۇ ياخشى رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرى بۇ سۈيقەستنى ۋاقتىدا بايقاپ قېلىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللانغان. شۇ كۈنى پۇتىن دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئوخشاش كىيىنگەن، ئوخشاش قەدەم بىلەن ماڭىدىغان يەنە بىر پۇتىنمۇ مۇراسىمغا چىققان. ئىككى پۇتىن، ئوپمۇ ئوخشاش، قايسىسى جىڭ، قايسىسى ساختا، پەرقلەندۈرۈشكە مۇمكىن بولماي قالغان. باشقىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە تۇنجىسى بەلكىم «ئورنىغا ئالماشقۇچى» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ھېلىمۇ ياخشى شۇ كۈنى سانپېتېربورگدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن. بەزىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بەلكىم تېررورچىلار پىلانىنى ۋاقتىنچە ئۆزگەرتكەن، ياكى پۇتىننى قوغداش تەدبىرلىرى بەك كۈچلۈك بولغاچقا قول سالالمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
2 – قېتىملىق سۈيقەست : يالتادىكى مۇستەقىل گەۋدە ئەل باشلىرى ئۇچرىشىشىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغىلى تاس قالغان.
2000 – يىل 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، پۇتىن يالتاغا بېرىپ، مۇستەقىل گەۋدە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ غەيرى رەسمى ئۇچرىشىشىغا بارغاندا 2 – قېتىم سۈيقەستكە ئۇچرىغان. بۇ ۋاقىتتىكى يالتا پۈتكۈل قىرىم يېرىم ئارىلى بىلەن بىرگە ئوكرائىنا زېمىنىغا كىرگۈزۈلگەن. ئوكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېركاچنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار زۇڭتۇڭغا قەست قىلىشتىن ئىبارەت بىر سۈيقەستنى تارمار قىلغان، ھەمدە بۇ خەۋەرنى رۇسىيە تەرەپكە ئۇقتۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن، ئوكرائىنا تەرەپ ئالاقىدار يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تۆت نەپەر چېچىنىيەلىك ۋە بىر نەچچە نەپەر ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن كىشىلەرنى تۇتۇۋالغان، ھەمدە ئۇلارنى قاتتىق سوراق قىلغان. كېيىن ئۇلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. شۇڭا زۇڭتۇڭغا قەست قىلىش سۈيقەستى يەنە بىر قېتىم ئەمەلگە ئاشمىغان.
بىراق، بۇ قېتىملىق سۈيقەست شۇنىڭ بىلەن تۈگىمىگەن. پۇتىن دۆلىتىگە قايتىپ بېرىپ، 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى كەچ سائەت 22 لەر ئەتراپىدا، ئۇنىڭ ماشىنا ئەترىتى موسكۋادىكى توزۇۋ كوچىسىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتقان ۋاقىتتا، رۇسىيەدە ياسالغان بىر پىكاپ ماشىنا ئۇلارغا ئەگەشكەن، كېيىن قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي تۇيۇقسىز ئالدىغا ئېتىلىپ، زۇڭتۇڭ ماشىنا ئەترىتىدىكى بىر «بېنز» ماركىلىق ماشىنىنى سوقۇپ ئۆرىۋەتكەن، ماشىنىدىكى ئادەم يارىلانغان، پۇتىن يارىلانغىلى تاس قالغان. ھالقىلىق پەيتتە، پۇتىننىڭ قوغدىغۇچىلىرى مۇھاپىزەتچىلەر ماشىنىسى ئارقىلىق ھېلىقى ئىش تېرىغان ماشىنىنى ماشىنا ئەترىتى ئىچىدىن سىقىپ چىقىرىۋەتكەن. رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ بۇ ئىشنى تەكشۈرگەن، ھەمدە ئىككى ياشنى قولغا ئالغان.
3 – قېتىملىق سۈيقەست: ئەزەربەيجانغا زىيارەتكە چىققاندا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغىلى تاس قېلىش.
پۇتىننى 3 – قېتىم قەستلەش ھەرىكىتى ئەسلىدە 2002 – يىل 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە ئەزەربەيجاندا يولغا قويۇش پىلانلانغان. بىراق شۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن، ئەزەربەيجان بىخەتەرلىك تارماقلىرى بەزىلەرنىڭ پۇتىننى قەستلىمەكچى بولغانلىقىغا دائىر ئاخباراتقا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن 10 كۈن بۇرۇن، يەنە بەزىلەرنىڭ ئوغرىلىقچە چېگرىدىن بومبا ئەكىرىۋاتقانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەزەربەيجان ساقچى تەرەپ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان، ھەمدە سۈيقەست قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان باش جىنايەتچىنى قولغا ئالغان. سوئال سوراق ئارقىلىق، بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى رۇستەم، ئىراقتىن كەلگەنلىكى، بۇرۇن ئافغانىستان تېررورلۇق بازىسىدا مەشقلەنگەنلىكى، چېچىنىيەدىكى قانۇنسىز قوراللىقلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بارلىقى ئېنىقلانغان. بۇ ئادەم 1999 – يىلىلا ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا كېلىپ، يوشۇرۇنغان ۋە پۇرسەت كۈتكەن. پۇتىننىڭ ئەزەربەيجانغا زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ كۆڭلىدە قاتتىق خۇش بولۇپ، تېزلا قول سېلىشقا تەييارلانغان، ئويلىمىغان يەردىن ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.
4 – قېتىملىق سۈيقەست: بىر روھىي كېسەل ماشىنىنى ھەيدىگىنىچە كرېمىل سارىيىغا سوققان.
2002 – يىل 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتە، 40 ياشلىق بىر قامەتلىك كىشى بىر ماشىنىنى ھەيدىگىنىچە كرېمل سارىيىنىڭ تېمىغا ئاپىرىپ سوققان. بۇ ئەر ماشىنىدىن چۈشۈشىگىلا بىر نەچچە مۇھاپىزەتچى ئۇنى قورشىۋالغان. بۇ كىشى مۇھاپىزەتچىلەرگە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسمىم ئىۋان، مەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى، مېنى ھازىرلا پۇتىن بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭلار». مۇھاپىزەتچىلەر بۇ ئەرنى تېزلا بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىغا كويزا سالغان، ھەمدە شۇ ئەتراپتىكى بىر ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ سوراققا تارتقان. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرگەن، كېنىشكىدە كۆرسىتىلىشىچە بۇ ئەر كىشى بىر شەخسىي شىركەتتە ئىشلەيدىكەن. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ روھىي كېسىلى بارلىقىدىن گۇمان قىلغان، ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن.
ئويلىمىغان يەردىن بىر دوختۇر ئۇنى تېزلا تونۇۋالغان. ئەسلىدە، بىر يىل بۇرۇن بۇ ئەرنى باشقا بىر ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر ئاشۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن ئىكەن. شۇ چاغدىمۇ بۇ ساراڭ ئەر بىر ماشىنىنى ھەيدىگىنىچە كرېمل سارىيىنىڭ دەرۋازىسىغا سوقۇلغان ئىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ بىر خاتىرىسىدىن مۇنداق گەپلەرنى بايقىغان: «مەن پۇتىننىڭ بېشىنى كېسىۋالىمەن». كېيىن دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەر ئېغىر روھىي ئازابقا ئۇچرىغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسىنى باشقىلار رەھىمسىزلەرگە ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى كېسىۋالغان ئىكەن. بۇ ئەرنىڭ نېمە ئۈچۈن پۇتىننى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىغا قارىتا ئۇنىڭ روھىي كېسەل دوختۇرى مۇنداق «چۈشەنچە» بەرگەن. ئۇ پۇتىننى «گېرمانىيە جاسۇسى» دەپ قارايدىكەن، شۇڭا رۇسىيە «ناتسىست» لار بىلەن توشۇپ كېتىپ، رۇسىيەدە نۇرغۇن ناتسىست تەشكلاتلار پەيدا بولغان ئىمىش.
5 – قېتىملىق سۈيقەست: ئۆيىگە قايتىدىغان يول ئۈستىگە 40 كىلوگرام پارتىلىتىش دورىسى يوشۇرۇپ قويۇش.
پۇتىننى 5 – قېتىم قەستلەش ھەرىكىتىدە بەزىلەر پۇتىننىڭ ماشىنا ئەترىتى چوقۇم ئۆتۈدىغان يول بويىغا پارتىلىتىش دورىسى يوشۇرۇپ، ماشىنا ئەترىتىنى پاچاقلاپ تاشلىماقچى بولغان.
پۇتىن ئادەتتە كرېمل سارىيىدا ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆيى بولسا موسكۋا شەھەر سىرتىدا. پۇتىن ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان ۋاقىتتا، ئۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، رۇبلەيۋوكس – ئوسفانسكېي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئۆتىدۇ. ئېنىقكى بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چوقۇم ئۆتىدىغان يولى. بىراق، رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 2002 – يىل 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى پۇتىننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۈيقەستىدىن بىرنى تارمار قىلغان.
تېررورچىلار زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ئۇزۇن ۋاقىت ئەگىشىپ يۈرۈپ، پۇتىننىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقتى ۋە يول لىنىيەسىنى بىلىۋالغان، قايتا قايتا ھېسابلاش ئارقىلىق، جەمئىي 40 كىلوگرام يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك پارتىلىتىش دورىسىنى بىر تۆمۈر تۇرۇبا ئىچىگە قاچىلاپ، ئاندىن مۇشۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يېنىدىكى بىر ئەۋرەز ئۆڭكۈرىگە كۆمۈپ قويغان، ھەمدە پۇتىننىڭ ماشىنا ئەترىتىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلىغان. رۇسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ ئاخباراتنى تېزلا بىلىۋالغان، ھەمدە پارتىلىتىش دورىلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىۋەتكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شۇ كۈنى كەچتە بۇ يول ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سائەت قامال قىلىنغان.
6 – قېتىملىق سۈيقەست: تاشيولدىكى كۆۋرۈك ئاستىدا پەيدا بولغان «بومبا».
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2003 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، پۇتىننىڭ ماشىنا ئەترىتى سانپېتېربورگ شەھىرى بىلەن موسكۋا شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر تاشيولدىن ئۆتۈشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، شۇ يەردىكى بىر ساقچى تاشيولدا چارلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىزلا بىر پارتىلىتىش قۇرۇلمىسىنى بايقاپ قالغان. بۇ بومبا بىر خالتا ئىچىگە قاچىلانغان بولۇپ، پۇتىننىڭ ماشىنا ئەترىتى ئۆتۈدىغان تاشيولدىكى بىر كۆۋرۈك ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ ساقچى شۇ ھامان ياردەم سورىغان، نۇرغۇن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ بومبىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغان. بۇ بومبا ناھايىتى قوپال ياسالغان بولۇپ، بومبىنى چۇۋۇش جەريانىدا ھېچكىم يارىلانمىغان. بىراق بۇ بومبا ۋاقتىدا بايقالمىغان بولسا پۇتىننىڭ ھاياتى چوقۇم تەھدىتكە ئۇچرىغان بولاتتى.
7 – قېتىملىق سۈيقەست: ئىككى نەپەر «ئالاھىدە خادىم » پۇتىن ئەنگىلىيەنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنى قەستلىمەكچى بولغان.
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ 2003 – يىل 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى پۇتىننى قەستلەش سۈيقەستىدىن بىرنى بىتچىت قىلغان. ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنگىلىيەگە كېلىۋالغان، رۇسىيەنىڭ بىر «ئالاھىدە خادىمى» لېتۋىناكنىڭ مەخپى مەلۇماتىغا ئاساسەن ساقچىلار ھەرىكەت قوللانغان. لىتۋىناك ئەنگىلىيە ساقچى تەرەپكە مۇنداق دېگەن، بىر ھەپتە بۇرۇن، ئۇ ئىلگىرى رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان خىزمەتدىشى بونىكىن مايور بىلەن ئاليۇشا ئىسىملىك يەنە بىر كىشى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ لوندونغا كەلگەن، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
كەلگەنلەر رۇسىيەنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چىشىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ: «پۇتىن چوقۇم ئاغدۇرۇلىشى كېرەك، ئۇ ھەممە ئادەمنى تۈرمىگە سولىماقچى......چوقۇم بىر ئادەم چىقىپ ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىشى كېرەك» دېگەن. بونىكىم سىرلىق ھالدا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى بىر خىزمەتدىشى پۇتىننىڭ چەتئەلگە چىقىش پىلانى ۋە ھەر بىر مەيدان پائالىيەتلىرىنىڭ يول لىنىيەسىنى ئىگىلىيەلەيدىكەن. ئوخشاشلا ئەنگىلىيەگە قېچىپ كېلىۋالغان، «سىياسىي پاناھلق» ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، رۇسىيە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى كاتتا باي بىلوزوۋ ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدىكەن. كېيىن، لىتۋىناك بىلوزوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئىشنىڭ راست يالغانلىقى ئۈستىدە سۆزلەشكەن، ھەمدە بۇ ئىشنى ئەنگىلىيە ساقچى تەرەپكە مەلۇم قىلىشنى لايىق كۆرگەن. ھەربىي ئاخبارات 5 – باشقارمىسى تېزلا ئادەم ئەۋەتىپ بونىكىم بىلەن ئاليۇشانى تۇتۇپ كەلگەن، ھەمدە بۇ ئىككىيلەننى بەش كۈن سوراق قىلغان. نەتىجىدە بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ قەستلەش پىلانىنى پۈتۈنلەي ئىقرار قىلغان.
8 – قېتىملىق سۈيقەست: موسكۋا كوچىسىدا پەيدا بولغان ئىككى «ماشىنا بومبا».
2004 – يىل 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، رۇسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى پۇتىننى قەستلەش دېلوسىدىن يەنە بىرنى پاش قىلىپ، موسكۋا شەھەر مەركىزىدە زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان ئىككى ماشىنا بومبىنى كۆزدىن يوقىتىپ، بىر تېررورچىنى قولغا ئالغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى موسكۋادىكى بىر كوچىدا ئىككى ماشىنىنى بايقىغان، ماشىنا ئىچىدە پارتىلىتىش دورىسى ۋە مىنا بار ئىكەن. كېيىن، پارتىلىتىش قۇرۇلمىسىنى كەسپىي خادىملار چۇۋۇۋەتكەن. ئېگىلىنىشىچە، بۇ كوچا كرېمل سارىيىغا تۇتۇشىدىغان چوڭ كوچا بولۇپ، پۇتىننىڭ ماشىنا ئەترىتى كۈندە دىگۈدەك بۇ كوچىدىن ئۆتىدىكەن، پارتىلاش يۈز بېرىپلا قالسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىكەن. رۇسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغان گۇماندار سانپېتېربورگدىن كەلگەن ئىكەن. بۇ گۇماندارنىڭ ئىقرار قىلىشىچە بىرسى ئۇنىڭغا 1000 دوللار بېرىپ، بۇ ماشىنا بومبىنى زۇڭتۇڭنىڭ ماشىنا ئەترىتى چوقۇم ئۆتىدىغان چوڭ كوچىغا توختىتىپ قويۇشنى ئېيتقان. ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان يېرى شۇكى بۇ گۇماندار زەھەر چېكىدىغان بولۇپ، تۇتۇلغان ۋاقىتتا زەھەر خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ، يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved