ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 18-يانۋارىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا فىرانسىيە ژۇرنىلى « بىزنىڭ ئاياللىرىمىز »ژۇرنىلى مەلۇم ئالاقە تورىغا فىرانسىيەلىك بىر ئانىنىڭ بوۋىقىنى بىر مىنۇتتا ئۇخلاتقان ۋىدېيوسىنى چىقارغان. بۇ ئۇسۇل نۇرغۇن يېڭىدىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ۋىدېيودا فىرانسىيەلىك بۇ ئانا مۇلايىملىق بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىنى ئۇۋىلاپ يۈزىنى سىلىغان، نەتىجىدە بوۋاق بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۇيقۇغا غەرق بولغان. بۇ ۋىدېيونىڭ كۆرۈلۈش سانى 3 مىليوندىن ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە بىر بوۋاقلارنى تىنىچلاندۇرىدىغان ۋىدېيومۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇتەخەسسىس روبېرىت بىر قولىدا بوۋاقنىڭ ئىككى قولىنى مەيدىسى ئالدىدا جۈپلەشتۈرۈپ، يەنە بىر قولىدا بوۋاقنى تىرەپ 45 گىرادۇس سىڭايان قىلىپ، ئاستا تەۋرەتكەن، يىغلاۋاتقان بوۋاق تىنىچلانغان. نۇرغۇنلىغان ئاتا -ئانىلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆرگەندىن كېيىن « ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن » دەپ باھا بەرگەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved