ئالى بابانىڭ تېخى بايىلا 1 مىليارد 200 مىليۇن مەبلەخ بىلەن خېڭ دا پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ 50% پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالغانلىق خۇشخەۋر تارقالغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۈگۈن ئالى باباغا قاراشلىق تىيەنماۋ سودا تورى "نەشر ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز" قىلمىشى بىلەن سوتقا سۆرەپ چىقىلدى. چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسى " قانۇنسىز ھالدا ئامانلىق ساقلىغۇچىلار يەڭلىك بەلگىسىنى ساتقانلىق قىلمىشى" بىلەن، تىيەنماۋ سودا تورى ۋە xx سودا شىركېتىدىن 8000 يۈەن زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىپ سۇنغان ئەرزىگە داشىڭ سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىلدى.
جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئامانىلىق ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن بولۇپ. "ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتى باشقۇرۇش نىزامنامىسى" دىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ بىر تۇتاش تاقىشى تەلەپ قىلىنىدىغان يەڭلىك بەلگىلىرىگە ئائىت بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 2011 نۇسخىسىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار كىيىم بەلگىسى، يەڭلىك بەلگىسى، كۆكرەك بەلگىسى، باش كېيىم بەلگىسى قاتارلىق مۇلازىمەت بەلگىلىرىنى لايىھەلىگەن. شۇنداقلا 2011 – يىلى 7- ئايدا ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلغان.
2011 نۇسخىسىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار مۇلازىمەت بەلگىلىرىنىڭ پاتنىت ھوقۇقى جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا تەۋە بولۇپ. ھەرقانداق شەخىس ياكى ئورۇننىڭ رۇخسەتسىز پايدىلىنىشغا يول قويۇلمايدۇ. يېقىندا جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر سودا شىركېتىنىڭ تىيەنماۋ تورىدىكى دۇكىنىدا كۆپ مىقداردا 2011 نۇسخىسىدىكى يەڭ بەلگىلىرى قاتارلىق ئامانلىق ساقلىغۇچىلار مۇلازىمەت بەلگىلىرىنى ساتقانلىقىنى بايقىغان.
جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك xx سودا شىركېتى ۋە جېجىياڭ تىيەنماۋ شىركېتى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بەلگىلىرىنىڭ جۇڭگۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا تەۋە ئېكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قانۇنسىز ھالدا ساتقانلىقى نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككى شىركەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا بۇ ئۇيۇشما ئىككى شىركەت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، جاۋابكار ئورۇنلاردىن قىلمىشىنى دەرھال توختۇتۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي زىيان 8000 يۈەن تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
Xx سودا شىركېتى ئۆزىنى ئاقلاپ: "شىركېتىمىز پەقەت مال سېتىشقا مەسئۇل، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بەلگىلىرى شىركېتىمىزنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس، شىركېتىمىز پەقەت ۋاكالىتەن سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنداقلا بۇ قىلمىشقا قارىتا ئاللىبۇرۇن تىيەنماۋ شىركېتى تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلغان، شۇڭا شىركېتىمىز دەۋاگەر تەرەپكە قارىتا ھېچقانداق تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ" دېگەن.
نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق قىلمىشىغا قارىتا، تىيەنماۋ شىركېتى ئۆزىنى ئاقلاپ: "تىيەنماۋ شىركېتى نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان ھېچقانداق قىلىمىش سادىر قىلغىنى يوق؛ شىركېتىمىز يۇقىرىدا دىيلگەن قانۇنسىز مەھسۇلاتنى بايقىغان ھامان توردىن تازىلىدۇق ۋە بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق چارە كۆردۇق. سوت مەھكىمىسىدىن ئەرز نامىنى قايتۇرىۋېتىشنى ئۈمۈد قىلىمىز" دېدى.
جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسى سوتتا پاتنىت ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 خىل پاكىت كۆرسىتىپ، ئەرزنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. تىيەنماۋ تورى كەسمە رەسىم ئارقىلىق جاۋابكار xx سودا شىركېتىنىڭ تىيەنماۋدىكى كېيىم- كېچەك مەخسۇس دۇكىنىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، دەۋاگەر تەرەپ مەھسۇلات "ئىتىراپنامە" سى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىم ئەھۋاللىرىنى پاكىت قىلدى. ۋە دەۋاگەر تەرەپ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىپ، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بەلگىلىرىنىڭ تارقىتىلغان ۋاقتى، مەزمۇن دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلىدى. بۇلارغا قارىتا xx سودا شىركېتى يەنىلا نەشر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ئىتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، كۆرسەتكەن پاكىتلارنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى." ئىسپاتنامە"نىڭ ھەقىقىلىقىغا قارىتا مەزكۇر شىركەت يەنە " قىلمىشقا چىتىشلىق يەڭ بەلگىسىنى بىز ئىشلەپ چىقارمىدۇق، بىز پەقەت ۋاكالىتەن سېتىش بىلەن شۇغۇللاندۇق" دېدى. تىيەنماۋ شىركېتى : "جۇڭگو ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەخسۇس بەلگىلەرنى توپلىشى ۋە ئېلان قىلىشى مەمۇرىي ھوقۇق دائىرىسىدىكى، ئاممىۋىيلىققا ئىگە ئىش. دەۋاگەر تەرەپ بۇلارغا قارىتا پاتنىت ھوقۇقىغا ئىگە بولىۋالماسلىقى كېرەك. يەنە كېلىپ قىلمىشقا چىتىشلىق مەھسۇلات رەسىمى بىلەن دەۋاگەر تەمىنلىگەن "ئىتىراپنامە" دىكى رەسىم بىردەك ئەمەس، شۇنداقلا دەۋاگەرنىڭ تەلەپ قىلغان تۆلەم سوممىسى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن" دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved