تاماكا چەكلەش پىدائىيسى تاماكا چەكمەسلىككە نەسىھەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، نومۇسقا چىدىماي غەزەپلەنگەن تاماكا چەككۈچى تەرىپىدىن قول بارمىقى سۇندۇرۇۋېتىلگەن. مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى، ئىككى پىدائىي بېيجىڭدىكى ‹‹بايلىق مەركىزى›› دە تاماكا چەككۈچىلەرنى توسماقچى بولغاندا، تاماكا چەككۈچى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان، بىر پىدائىينىڭ ئوڭ قولىنىڭ كىچىك بارمىقى سۇندۇرۇۋېتىلگەن. بېيجىڭ تاماكا چەكلەش جەمئىيىتى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بۇ ئىشنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئادەم ئۇرغۇچىنى تېزرەك قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان.
قانۇنچىلىق كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭ تاماكا چەكلەش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى، پىدائىي لى ئەپەندىم ۋە يەنە بىر پىدائىي ‹‹بايلىق مەركىزى›› دە ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىش قىلمىشىنى توسىماقچى بولغاندا، نومۇسقا چىدىماي غەزەپلىنىپ كەتكەن تاماكا چەككۈچى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان، ئادەم ئۇرغۇچى بولسا قېچىپ كەتكەن. ئارقىدىن ئىككى پىدائىي چاۋياڭ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ھەمدە لى ئەپەندىنىڭ ئوڭ قولىنىڭ كىچىك بارمىقى سۇنۇپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.
نۆۋەتتە، ئادەم ئۇرغۇچى تېخى تۇتۇلمىغان. ساقچىلار ئادەم ئۇرغۇچىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرگەندە، شىركەت ئادەم ئۇرغۇچىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىمۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئادەم ئۇرغۇچىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى بايقالغان. نۆۋەتتە، ئادەم ئۇرغۇچى تۇرۇشلۇق شىركەت پىدائىيلارغا تۆلەم بەرگەن. بۈگۈن بېيجىڭ تاماكا چەكلەش جەمئىيىتى يارىلانغان پىدائىيلاردىن ھال سورىغان؛ شەھەرلىك سەھىيە نازارەت پونكىتى پىدائىيلارنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، قانۇنسىز تاماكا چېكىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ‹‹تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى›› يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، تاماكا چېكىشنى توسۇش بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىملىق خىزمىتى بولۇپ قالغان ھەمدە ‹‹ھەر چارشەنبە كۈنى تاماكا چەكلەش›› ھەرىكىتىنى يولغا قويغان. يەنى، ھەر بىر پىدائىي چارشەنبە كۈنىدە ئۈچ قېتىم تاماكا چېكىشنى توسۇشى، ئۈچ تەشۋىقات بۇيۇمى تارقىتىشى، ئۈچ ئاممىۋى سورۇننى تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىشخانا بىنالىرىدا تاماكا چەكلەش خىزمىتى مۇھىم نۇقتا شۇنداقلا قىيىن نۇقتا بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ قىش كىرگەندىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى ئېشىپ، كارىدور، ھاجەتخانا تاماكا چېكىدىغان ئاساسلىق سورۇن بولۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېيجىڭ تاماكا چەكلەش جەمئىيىتى قاۋاقخانا، تورخانا، ئاشخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved