2015 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىگە 9500 يۈرۈش ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي سېلىنىدۇ


2015 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيدىن 9500 يۈرۈش، ئەرزان، قولاي ئۆيدىن 2000 يۈرۈش بولۇپ، جەمئىي 11 مىڭ 500 يۈرۈش تۇرالغۇ كاپالەت ئۆيى سېلىش پىلانلاندى.


22 – يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالەت ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى ھەر تەرەپلىمە بىرىكتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا مەبلەغ توپلاش، ئىلتىماس قىلىش – تەكشۈرۈش، نۆۋەت بىلەن تەقسىملەش، كېيىنكى باسقۇچلۇق باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىدىكەن.


بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي بىلەن ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي دېيىلىدىكەن، يەككە يۈرۈشلۈك تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى 35 كىۋادرات مېتىردىن 60 كىۋادرات مېتىرغىچە بولىدىكەن.


نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئاساسلىقى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە قارىتىلغان، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي بولسا ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن سەل تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە قارىتىلغان.


بىرىكتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ كىرىمى ئەگەر ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتسە، لېكىن ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي كاپالەت دائىرىسىگە كىرسە، ئۇنداقتا بۇنداق ئائىلىلەر ھازىرقى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن كۆچمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئىجارە ھەققىدە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالماي، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينىڭ ئىجارە ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھەق تۆلەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئىككى خىل توپتىكى تۇرالغۇ كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.


ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2007 – يىلىدىن باشلاپ تۇرالغۇ كاپالەت خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتكىچە تۇرالغۇ كاپالەت ئۆيىدىن جەمئىي 71400 يۈرۈش قۇرۇلۇپ، 24057 كىشى تۇرالغۇ كاپالەت ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەن.



خەتكۈچلەر:
24-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek