پۇتىن ياۋروپاغا قېچىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنى رۇسىيەگە تەكلىپ قىلدى

     «رۇسىيە داژې باشنى تورىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرى» ياۋروپا يەھۇدىيلىرى چوڭ قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى ۋېياچېسلاۋ كانتور پۇتىنغا:«ياۋروپا يەھۇدىيلىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ يامان ئەھۋالغا دۇچ كەلدى، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش سادالىرى پەلەككە يەتكەنلىكتىن ۋە مۇسۇلمان كۆچمەنلەر شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكتىن يەھۇدىيلار تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا» دېدى، ئاغرىنغان ھالدا. پۇتىن ئۇنىڭ پىكىرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ:«ئۇنداق بولسا رۇسىيەگە قايتىپ كېلىڭلار» دېدى.

      19-يانۋار، پۇتىن ياۋروپا يەھۇدىيلىرى چوڭ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەتكەن بىر تۈركۈم يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ چىقتى. ئۇ تەبەسسۇم قىلغىنىچە:«قايتىپ كېلىڭلار» دېدى.

       پۇتىن سۆزىنى تولۇقلاپ:«مەن كۆرگەن بىر قىسىم خەۋەرلەردە، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ھەتتا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەلپىكىنى كىيىشكىمۇ پېتىنالمايدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى، يېزىلىپتۇ» دېدى. بىراق پۇتىن، ياۋروپانىڭ ھەممە يېرىدە بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

      پۇتىن رۇسىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەسىگە ئاكتىپلىق بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە يېقىندىلا رۇبليافۇكاغا يېڭىدىن يەھۇدى دىنى ئىبادەتخانىسى سېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھەمدە يېڭىدىن سېلىنغان يەھۇدىي دىنى ئىبادەتخانىسىنى كۆرۈپ كېلىشكە ۋەدە بەرگەن. پۇتىن ئىلگىرى 2015- يىلى 1- ئاينىڭ ئاخىرى موسكۋادىكى يەھۇدىيلار مۇزېيىدا ئوسۋېنتسىم جازا لاگېرىنى ئازاد قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يېقىندا بۇيان ياۋروپادا يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇنداق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ يەھۇدىي دىنى باستېرلىرى ئۆزىنى قوغداش ۋە يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 2015- يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياۋروپادىكى يەھۇدىيلار چوڭ قۇرۇلتىيى، ياۋروپادىكى قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىغا يەھۇدىيلارنىڭ يېنىدا قورال ئېلىپ يۈرۈپ ئۆزىنى قوغداشقا يول قويۇشقا مۇراجىئەت قىلغان.

     ياۋروپا يەھۇدىيلار چوڭ قۇرۇلتىيى 1986- يىلى قۇرۇلغان خەلقئارالىق قانۇنسىز تەشكىلات بولۇپ، ياۋروپادىكى 42 دۆلەتكە تارقالغان يەھۇدىيلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
22-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek