كورىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، بىر يىلدا 100 قېتىمدىن ئارتۇق ھۆسىن تۈزەتكەن ئۈچ ئاچا-سىڭىل كىشىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. بۇ ئۈچ ئاچا-سىڭىلنىڭ ھۆسىن تۈزىتىشتىكى ئىدىيەسى، نىشانى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. بۇ ئۈچ ئاچا-سىڭىل ھۆسىن تۈزىتىش ئۈچۈن بىللە تۇرغان بولۇپ، بىللە تۇرۇش ۋە ھۆسىن تۈزىتىشكە بولغان ئورتاق نىشان ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئاجايىپ يېقىنلاشتۇرۇۋەتكەن. مۇخبىر ئۇلاردىن نېمىشقا ھۆسىن تۈزىتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆزىدىن چىرايلىق بىر قىز بىلەن تېپىشىۋالغانلىقىنى، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ قەتئىي ھۆسىن تۈزىتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق ھۆسىن تۈزىتىش خىراجىتى 2 مىليون ۋوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۇلار بۇ خىراجەتلەرنى مەدىكار ئىشلەپ تاپىدىكەن. پۇل يەتمىگۈدەك بولسا، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىلىرىنى ئىشلىتىدىكەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved