ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭنىڭ چېگرا ئېغىزى كۆرگەزمىسى كۈچىنى نامايەن قىلدى

ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى يادرولۇق رايونى» نىڭ چەكسىز سېھرى كۈچىنى يارىتىشقا كۈچ قوشتى.

 


ئالاتاغ ئېغىزى نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ غەربى رايونىدىكى بىردىن بىر تۆمۈر يول، تاشيول تۇتاشقان دۆلەت 1-دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزى. ئالاتاغ شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گېڭ يۇڭجياڭ ئىنتايىن ئىپتىخارلانغان ھالدا: 18-ئىيۇن، ئالاتاغ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى رەسمى تاموژنىنى ئېتىپ تىجارەت باشلىدى، ئىسكىلاتتا زاپاس ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى، ئاشلىق ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، خام نېفىت ئىسكىلاتى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق 12 كارخانا كىرىپ ئورۇنلاشتى؛ ئىيۇلدا، ئالاتاغ ئېغىزىغا ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش چېگرا ئېغىزى تۈرى تەستىقلاندى. گۇاڭدۇڭلۇق سودىگەر ۋۇ دىشيۇڭ بىر قېتىمدىلا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايوندىكى 3 تۈرگە كېلىشىم ئىمزالاپ، جەمئىي 780 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، دېدى.

 


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ نامى چىقىشقا باشلىدى. جېجياڭلىق سودىگەر جىن شىڭجۇڭنىڭ كۆزى بۇ يەرگە چۈشتى، 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ جۇڭگو قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە «يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى» قۇردى.


قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ساۋ جيەن مۇخبىرغا مۇنداق بىر ھىساۋاتنى قىلىپ بەردى: كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان جۇڭگو قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە 40 نەچچە تۈرنى كەينى كەينىدىن ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ، دەسىلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا ھەر كۈنى كىرىپ چىقىدىغان ئادەم 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن، ئىككى دۆلەتنى 70 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

 


بۇنىڭدىن باشقا، 250 يىللىق سودا تارىخىغا ئىگە باقتۇ ئېغىزى ئۈچ نۆۋەت «باقتۇ مۈنبىرى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، نامى بارغانسېرى چىقىشقا باشلىدى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىسى سارقىت مۇنداق دېدى: مۈنبەردىكى ئىدىيىۋى قاراشلار شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندى.

 

2012-يىلى دېكابىردا باقتۇ ئېغىزى دۆلەت تەرىپىدىن جۇڭگو قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل كارىدورى» دىكى بىردىن بىر سىناق قىلىنىدىغان چېگرا ئېغىزى قىلىپ بېكىتىلدى؛ شۇ يىلى ئىيۇلدا شىنجاڭدىكى تۇنجى «ئۈچ كۈن ۋىزىسىز چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ ئۆز ئارا سودا قىلىشى سىناق رايونى» رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۈگۈنكى باقتۇ دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.



خەتكۈچلەر:
06-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek