ياۋروپا نۇسخىسىنىڭ 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسەن، ئاممىباب گۇرۇھىنىڭ ئوخشاش نامدىكى يادرولۇق داڭلىق ئاپتوموبىلىنىڭ 4 - ئايلىق پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى %7 ئاشقان. بۇنىڭغا ياۋروپادىكى ئېھتىياج مىقدارىنىڭ قاڭقىشى سەۋەپ بولغان، بولۇپمۇ جۇڭگودىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ چۈشىشىگە تۈرتكە بولغان.
مەلۇم بولىشىچە، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاممىباب ئاپتوموبىلىنىڭ بۇ يىل 4 - ئايلىق سېتىلىش مىقدارى ئېشىپ 513,400 دانىگە بارغان؛ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئاممىباب ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %5 ئۆرلەپ، بىر مىليون 990 مىڭ دانىلىق رېكورتنى ياراتقان. ئاممىبابنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى Christian Klingler بولسا 12 - چىسلادىكى بىر تۈرلۈك دوكلاتتا كۆرسىتىپ، 4 - ئايدا ئاممىبابنىڭ سېتىلىش مىقدارى يەنە ئۆرلىدى، بىر تەرەپتىن جۇڭگو ۋە ياۋروپا رايونىدىكى ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، يەنە بىر جەھەتتىن گولۇف قاتارلىق ئاپتوموبىل شەكىللىرىنىڭ ياخشى سېتىلغانلىقى تۈرتكە بولغان دېدى.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ھەر قايسى بازارلارنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمىغان. ياۋرويا دائىرىسى ئىچىدە، ئاممىبابنىڭ 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە بولغان سېتىلىش مىقدارى %4 ئېشىپ 567,800 دانە بولغان؛ گىرمانىيەدىن سىرتقى ياۋروپا بازارلىرىدا، ئالدىنقى تۆت ئايلىق ئاممىباب ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %7 ئېشىپ، 298,400 دانىگە بارغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئاممىباب ماركىسىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە %18 ئېشىپ 921,400 دانىگە بارغان، ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى بولسا %10 چۈشۈپ 118,200 دانە بولغان.
ئۆتكەن يىلقى توققۇز مىليون 700 مىڭلىق سېتىلىش رىكورتىنى ياراتقاندىن كېيىن، 2014 - يىلى ئاممىباب ئاپتوموبىلى " مۇۋاپىق ئېشىش " نى پىلانلىغان، سېتىلىش دائىرىسى ئاممىباب ماركىسىدىكى ئاپتوموبىل، MAN ۋە سىكانىيا نامىدىكى ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن گىرمانىيەدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلار ھەپتە ئاخىرىدا سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، كەينى قىسمى ئېچىلىدىغان گولۇف ۋە تىگۈرىن يىغىنچاق تىپتىكى SUV قاتارلىق ئاپتوموبىل شەكىللىرىگە بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ.
روشەنكى، پورتىگالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە رايونلىرىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە ئەگىشىپ ئاممىباب ماركىسىدىكى ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياجمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 3 - ئايغا قەدەر، ياۋروپا ئاپتوموبىل بازىرىدا ئۇدا ئالتە ئاي يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved