ئىسپانىيەدە بىر ئەرنى بۇقا ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، بۇ يىل ئىسپانىيەدىكى بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيىتىدە ئاللىقاچان يەتتە كىشى قازا قىلغان.
ئىسپانىيە «20 مىنۇت گېزىتى» نىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، 16-چېسلا كەچتە، ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىكى ناۋارا ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيىتىدە، بىر 18 ياشلىق ياشنى بۇقا ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 7-ئايدىن بۇيان ئىسپانىيەدىكى ھەر خىل بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە قازا قىلغان كىشىنىڭ سانى يەتتىگە يەتكەن. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئالتىسى، ئىسپانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى Pena Phil شەھرىدە بىر 36 ياشلىق ئەر بۇقا چاپتۇرۇش بايرىمىدا بۇقا ئۈسۈۋەتكەچكە ئېغىر يارىلانغان، گەرچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved