گېرمانلىقلار كۆچمەنلەرنى ياخشى كۆرمىسىمۇ لېكىن كۆچمەنلەرگە ئەڭ ئېھتىياجلىق. مەيلى قانچىلىك گۈزەل بولسۇن، كىشىلەر خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن ئىلگىرىكى تاق مىللەتلىك ھەم تاق مەدەنىيەتكە ئىگە گېرمانىيە كەلمەسكە كەتتى. ھازىر گېرمانىيەنى گېرمانىيە دەپ ئاتىساقمۇ لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى گېرمانىيە ئەمەس.
يىلنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى گېرمانىيەنىڭ ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋەتتى. گېرمانىيە ۋاقتى 12-يانۋار ۋە 19-يانۋار «ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلارنىڭ غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى قەرەللىك دۈشەنبە نامايىشى ئۆتكۈزدى، 12-يانۋار دېرىسدىندىكى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى 25 مىڭغا يېتىپ يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇ ھەرىكەت 2014-يىلى 10-ئايدا دېرىسدىندا باشلانغان، ئاندىن تېز سۈرئەتتە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە يامرىغان. نامايىشچىلار ئاساسلىقى گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمانلار كۆچمەنلەر قوبۇل قىلىپ ئىسلاملىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەتتىن ھازىرقى كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خىرىستىئان دىنىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى گېرمانىيەدە كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغىدى. جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ئوخشىمىغان پىكىردە بولدى. گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ۋە زۇڭلىسى بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلىدى. مېركىل بولسا «نامايىشچىلارنىڭ قەلبى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن تولدى، ھەتتا ئۇلاردا ئۆچمەنلىك كەيپىياتىمۇ بار» دەپ ھېسابلاپ يېڭى يىلدا قىلغان سۆزىدە گېرمانلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قاتناشماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى. فېدېراتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى مارس بۇ ھەرىكەتنى «گېرمانىيەنىڭ ئار-نومۇسى» دېدى. بۇ يىل 6-يانۋار، دېرىستىندىكى نامايىشچىلارنىڭ سانى 18 مىڭغا يەتكەندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شىمىت ۋە شىرود، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 سىياسيون شۇنداقلا داڭلىق ئەربابلار ئاشكارە سۆز قىلىپ، بۇ چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە ئېنىق قارشىلىق بىلدۈردى، گېرمانىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك ۋە سىغدۇرۇشچان ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ھۆكۈمەت ۋە پۇقرالار تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما بىرلا ۋاقىتتا كوچىلارغا چىقىپ، چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى. بېرلىن، ميۇنخېن، سىتۇگارد، بون، كولن قاتارلىق جايلاردا چەتكە قېقىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.
يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەممە ئادەم قارشى تۇرۇپ قاتمۇقات مۇھاسىرە ئىچىدە قالغاندەك قىلاتتى. ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىغان بىر قىسىم سىياسىيونلار ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرىمۇ ئەيىبلەندى. لېكىن ھەر ھەپتىدە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان نامايىشچىلارنىڭ سانى ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.
بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئاز بىر قىسىم ئوڭچىل چەتكە قاققۇچىلارنىڭ ئويىنىمۇ؟
گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان بىر قانچە ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بىزنىڭ بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ. 2014-يىلى 15-دېكابىر ئېلان قىلىنغان گېرمانىيە «دەۋىر لىنىيەسى»نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %49 تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچى گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى توغرا چۈشەنگەن. ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىلى 12-ئايدىكى تەكشۈرۈش نەتىجسىگە قارىغاندا، 3\1 قىسىم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچى نامايىشچىلارنىڭ قارىشىنى ئېتىراپ قىلغان. ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %15 كىشى ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى ئېتىراپ قىلغان، ھەمدە نامايىشقا قوشۇلۇش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. «سۈرەتلىك گېزىت»نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %27 تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچى ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ لېكىن بۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا،گېرمانىيەدە 3\1 قىسىم كىشى ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىكەن.
گېرمانىيەلىكلەر نېمە ئۈچۈن چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتى دەپ قارالغان بۇ ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدۇ ۋە توغرا چۈشىنىدۇ؟ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى ـ- يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركۈم تۈركۈملەپ كىرىۋاتقان مۇسۇلمان كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار نۇرغۇن گېرمانىيەلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، مەلۇماتقا قارىغاندا 2009-يىلى گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلار تەخمىنەن 4 مىليون 250 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5 دىن %5.6 گىچە بولغان قىسمىنى ئىگەللىگەن. يېقنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە گېرمانىيەگە كېلىدىغان مۇسۇلمانلار بارغانسرى كۆپەيدى، 2014-يىلىلا گېرمانىيەگە كەلگەن مۇسۇلمان 200 مىڭغا يەتتى، نوپۇس مۇتەخەسسسلىرى مۆلچەرلەپ مۇنداق دېدى: 2030-يىلىغا بارغاندا گېرمانيەدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى 5 مىليون 500 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇستا ئىگەللىگەن نىسبىتى %7 گە يېتىدۇ.
مۇسۇلمان كۆچمەنلەر ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقانلىقتىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ ئاساسى ئېقىمىدا مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرى يۈز بەردى، بولۇپمۇ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلىق ھۇجۇمى ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى، دۇنيا گېزىتىدە بۇ يىل 8-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان بىر سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، ئىسلام دىنىنى تەھىدىد دەپ قارايدىغانلار 2012-يىلىدىكى %53دىن ئېشىپ، 2014-يىلى %57گە يەتكەن، ئىسلام دىنى بىلەن غەرپ جەمئىيىتى پېتىشمايدۇ دەپ قارايدىغانلار نىسبىتى %52دىن %61 گە يەتكەن، تەھلىلدىن يەنە ئايان بولىشىچە، سىياسى يۈزلىنىش، مائارىپ سەۋىيەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى گېرمانيەلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان كۆزقارىشىغا ماھايەتلىك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
ئەلۋەتتە مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمان كۆچمەنلەرگە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەلىكلەردە ئەسلىدىنلا چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېىقىش خاھىشى ئېغىر، ئۇلارنىڭ كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشىدا ھەقىقەتەن بەلگىلىك مەدەنىيەت ۋە پىسخىكا توسالغۇسى بار، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ سىڭىشىشنى خالىمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە ھەرقايسى جەھەتلەردىن گېرمانيە ۋە غەرپ مەدەنىيىتى بىلەن يېقىنمۇ كەلمەيدىغان ئىسلام مەدەنىيىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىدىن نارازى بولماي تۇرالمايدۇ.
گېرمانىيەلىكلەر كۆچمەنلەرنى ياقتۇرمىسىمۇ ئەمما كۆچمەنلەرگە ناھايىتى مۇھتاج. مۆلچەرگە قارىغاندا گېرمانىيە نوپۇسى 2030-يىلىغا بارغاندا 82 مىليوندىن 79 مىليونغا چۈشۈپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىنىڭ تەسىرىدە 2025-يىلىغا بارغاندا گېرمانيەدە 6 مىليون 500 مىڭ ئەمگەك كۈچى ئازلاپ كېتىدۇ، ئەگەر كۆچمەنلەر بولمىسا، گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ساقلىشى قىيىن، شۇڭا گېرمانىيە كۆچمەنلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى ناھايىتى نۇرغۇن كۆچمەنلەرگە مۇھتاج، گېرمانىيە سودا بانكىسىنىڭ مۆلچىرىدىن ئايان بولىشىچە، نوپۇسنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن كەلگۈسى 20 يىلدا گېرمانىيە ھەر يىلى 500 مىڭ كۆچمەنگە مۇھتاج بولىدىكەن.
مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ، گېرمانىيە ئىسلاملىشىپ كېتەمدۇ يوق؟ بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چوڭ ئەمەس دېسەك بولىدۇ، بۇ يىل 1-يانۋار ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولىشىچە، تەكشۈرۈلگەن 3دىن ئىككى قىسىم كىشى: گېرمانيەنىڭ ئىسلاملىشىش خەۋپى مۇبالىغە قىلىندى دەپ قارىغان، بىر يىلدىن بۇيان، مۇسۇلمانلار نوپۇسى يەنىلا ئۇزاققىچە ئاز سالماقنى ئىگەللەپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى ئەۋلادلار ئالدىنقى ئەۋلادلارغا قارىغاندا گېرمانىيە مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ئاسان سىڭىشىدۇ، گېرمانىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ ئەركىن دېموكراتىك ئىجتىماىي تۈزۈمىنى ئۇنچە ئاسان يوقاتمايدۇ، ئەلۋەتتە گېرمانىيە جەمئىيىتى ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئامىللارنى قوبۇل قىلىشتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ، ئالايلۇق، گېرمانيە مۇسۇلمانلار مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى قانۇندا بېكىتىلگەن بايرام قىلىپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، بۇ كەلگۈسىدە رىياللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن.
گېرمانىيە كۆچمەنلەر نوپۇسى ئارقا كۆرۈنشىگە ئىگە، ھازىر بۇ دۆلەتتە كۆچمەنلەر 16 مىليون 340مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %20نى تەشكىل قىلىدۇ، 15 ياشتىن تۆۋەن نوپۇس ئىچىدە بۇ نىسبەت %30دىن ئېشىپ كەتكەن، شەك شۈبىسىزكى گېرمانىيە كۆچمەنلەر جەمئىيىتىگە كىردى، ئەمما نۇرغۇن گېرمانيەلىكلەر جۈملىدىن ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچىلار بۇ رىياللىقنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلار يەنىلا تاق مىللەتلىك ۋە تاق مەدەنيەتلىك جەمئىيەت قېلىپىدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىدى، بۇنىڭ بىلەن كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنيەتنى قوللايدىغان ھۆكۈمەت بىلەن ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved