ئامېرىكىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى ئابونتلارنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇرغان تېلېفونىدىن ھەق ئالاتتى، ئەمما كۆپ ساندىكى ئابونتلارغا چەكسىز تور ئېقىمى سوۋغا قىلاتتى. سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارىنىڭ پارتلاش خارەكتىرىدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سۆزلىشىش ۋە ئۇچۇر يوللاش مىقدارى بارا-بارا تۆۋەنلەپ بارغان، كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى بولسا بىر يۈز سەكسەن گىرادۇس بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغان، يېڭى ئەندىزىدە كۆپ ساندىكى يانفون ئابونتلىرىغا چەكسىز سۆزلىشىش ۋە ئۇچۇر يوللاش سوۋغا قىلىنىدۇ، ئەمما ئىشلەتكەن سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارىغا ھەق تۆلەيدۇ. ئامېرىكىدا كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقان. تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى يەنە يۇقىرى كىرىم سەۋىيىسىنى ساقلاپ قالغان.


بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Consumer Intelligence Research Partners نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كەسىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە Verizon شىركىتى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ شىركەتتە چەكسىز ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئابونتلارنىڭ سانى ناھايتى ئاز، ھەر ئايدا 100 دوللاردىن كۆپ يانفون ھەققى تۆلەيدىغان ئابونتلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ كۆپ ئىكەن. Verizonشىركىتىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرىدىن كىرىدىغان كىرىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يەنە بىر قىسىم ئابونتلار باشقا ئۈسكۈنىلەردە Verizon شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىكەن .


500 نەپەر ئامېرىكىلىق ئابونتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، تەخمىنەن %51ئەتراپىدىكى Verizon ئابونتىنىڭ ئايلىق يانفون ھەققى 100 دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %14 ئابونتنىڭ ئايلىق يانفون ھەققى 200 دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن يەنە مەلۇم بولىشىچە، پەقەت %22 ئەتراپىدىكى Verizon ئابونتى چەكسىز ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، AT&T نىڭ بۇ نىسبىتى % 44 گە يېتىدىكەن، Sprint ۋە T-Mobile نىڭ بولسا %78 گە يېتىدىكەن.


AT&T ۋە Verizon شىركەتلىرى باشتىن ئاخىر ئىشلەتكەن ئېقىم مىقدارىغا ئاساسەن ھەق ھېساپلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن. Verizon نىڭ دىيىشىچە، بۇ يىل ئىككىنچى ئايغا قەدەر، تەخمىنەن يېرىم ئۈلۈش رەقەملىك ئالاقە ئابونتى ئورتاق بەھىرلەنگىلى بولىدىغان ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن.


كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپىدىكى يەنە بىر يۈزلىنىش بولسا، يانفوننىڭ ئەسلى تەننەرخى بىلەن ئالاقىلىشىش ھەققىنى ئايرىۋېتىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ تېخىمۇ ئەركىن ھالدا يانفون ئالماشتۇرىشىغا يېشىل يول ئېچىپ بەرگىلى بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
27-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek